خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي خەۋەر قانىلى بولغان بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، باي ناھىيىسىدە 300 مىڭ چوشقا باققىلى بولىدىغان باقمىچىلىق مەيدانى بىلەن 100 مىڭ مولۇق زەر مۈڭگۈز باغۋەنچىلىكى بازىسىغا ھۇل سېلىش مۇراسىمى 31-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ بىرلەشمە قۇرۇلۇشقا ئۈچ مىليارد سوم (تەخمىنەن 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، ئۈچ يىلدا تاماملاش مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.
باي ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى مەمەتجان بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «چوشقا باقمىچىلىقى ۋە زەر مۈڭگۈز باغۋەنچىلىكى ناھىيەمىزدىكى يېزا-ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنىڭ كەسپلىشىشىنى زور دەرىجىدە ئالغا سۈرىدۇ،» دېگەن. خەۋەردە يەنە بۇ قۇرۇلۇش تامام بولغاندىن كېيىن بۇنىڭ داۋامى ئۈچۈن قۇشخانا، جۇۋاز زاۋۇتى قاتارلىقلارنىڭمۇ سېلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا چوشقا باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تەشۋىق قىلماقتىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چوشقا باقمىچىلىق بازىلىرىنى مەخسۇس ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان باي ناھىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاۋاتقان تېمىلاردىن بولۇپ قالماقتا.
ئۇنىڭ ئۈستىگە زەر مۈڭگۈز باغۋەنچىلىكى ئۈچۈن لازىملىق شۇنچە كۆپ يەرلەرنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىمۇ نامەلۇم ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى زەر مۈڭگۈز ئۇرۇقىدىن سۇ مېيى ۋە چاي پىششىقلاپ ئىشلەش ھەمدە چوشقا باقمىچىلىقى جەريانىدىكى ئەخلەتلىرىنىڭ مۇھىتنى قايسى دەرىجىدە بۇلغايدىغانلىقى بولسا تېخىمۇ زور بىر مەسىلە بولۇپ قالماقتا ئىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى