ئامېرىكادىكى 3-نومۇرلۇق شەخس نەنسى پېلوسى خانىم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا تېلېۋىزىيىدە نەق مەيدان نۇتقى سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 2-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى 3-نومۇرلۇق شەخس نەنسى پېلوسى خانىم 2-ئىيۇن كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا تېلېۋىزىيەدە نەق مەيدان نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ۋە ئىككى پالاتادىن ئاخىرقى ھېسابتا ماقۇللىنىشىغا كۈچ چىقارغان ماركو رۇبيو، كرىستوفېر سىمىس، بوب مېناندېز قاتارلىق شەخسلەرگە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تولىمۇ ئوچۇق بىر سىگنال ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ھەمدە مىسلى كۆرۈلمىگەن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ تەرزدىكى باستۇرۇشلىرىغا ئۇچراۋاتقان كىشىلەرنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.

نەنسى پېلوسى خانىم بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ كىشىلەرنى دۇنيا ئۇنتۇپ كەتتى، ئۇلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، دەپ قاراۋاتىدۇ. ئەمما ئۇ ئىنسانلار ئۇنتۇلغىنى يوق. دەل شۇ سەۋەبتىن بىز ئىككى پارتىيە بىرلىكتە بۇ قانۇن لايىھەسىنى بۇ يەرگە ئېلىپ چىققانلىقىمىزدىن شەرەپ ھېس قىلماقتىمىز» دېدى.

نەنسى پېلوسى خانىم سۆزىنىڭ داۋامىدا تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 31 يىللىق خاتىرىسىدە خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە تىبەتتىكى زوراۋانلىقلىرى ئەستە تۇتۇلغاندەك بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارغا نۆۋەت كەلگەنلىكىنى، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا ئۆزلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ بۇ يولدىن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كرىستوفېر سىمىسمۇ ئالاھىدە سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ شى جىنپىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتقانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە: «بۇ سېپى ئۆزىدىن قىرغىنچىلىق. ھازىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يىغىۋېلىش لاگېرىدا، پۈتكۈل ئۇيغۇرلار پاراكەندىچىلىكتە» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ بايانلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى سەۋەبىدىن مۇشۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دەل خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىر قوللۇق يوليورۇقى بىلەن «توسقۇنلۇق قىلغۇچى بارلىق ئامىللارنى رەھىمسىزلىك بىلەن يانجىپ تاشلاش» شەكلىدە قىيناش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىجرا بولۇۋاتقانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

بايانات ئېلان قىلىشتىن كېيىن نەنسى پېلوسى خانىم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويدى. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ، «كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا شېرىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى مەقسەت قىلغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى› گە مەن ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئۇنى ئاق سارايغا ئەۋەتىمىز» دېدى.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى