jewlan-shirmemet.jpg

سۈيدۈڭدىكى مەھبۇس ئانىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن تۈركىيەدە 6 ئايدىن بۇيان ئاخبارات ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان جەۋلان شىرمەمەت بۈگۈن، يەنى 1‏-ئىيۇن كۈنى سۈيدۈڭدىكى دادىسىدىن ئۇشتۇمتۇت تېلېفون تاپشۇرۇۋالغان. دادىسى تېلېفوندا، ھە دېگەندىلا ئۇنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە تۈرمىدىكى ئانىسى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماسلىققا دەۋەت قىلغان. بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بەرگەن مەلۇماتىدا دادىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن سۆزلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن جەۋلان شىرمەمەت ئانىسى تۈرمىدىن چىقماي تۇرۇپ سۈكۈتتە تۇرۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.

12 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان جەۋلان شىرمەمەت دەسلەپكى 10 يىلدا، ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتايغا قارشى سۆز- ھەرىكەتلەردىن پۈتۈنلەي ساقلانغان، ھەتتا ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىستىنمۇ ئۆزىنى تارتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئېھتىياتچانلىقى قىلچە كارغا كەلمىگەنىدى.

مىليونلارچە ئۇيغۇر قاتارىدا 2017 ‏-يىلى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەن ئائىلە-تاۋابىئاتىدىن ئانىسىنىڭ 5 يىل كېسىۋېتىلگەنلىكى، دادىسى ۋە ئىنىسىنىڭ بىر يىلدىن لاگېردىن يېتىپ چىققانلىقىدىن ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرقى ھەپتىلىرى خەۋەر تاپقان جەۋلان شىرمەمەت بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، بۇ ئائىلە پاجىئەسىنى ئاخباراتقا كۆتۈرۈپ چىققان ۋە ئانىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئىزچىل ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانىدى.
دادىسىنىڭ سۆزلىرىدىن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىگە بېرىۋاتقان تەھدىت سىگنالىنى ئېنىق ھېس قىلغان جەۋلان شىرمەمەت دادىسىنىڭ بۇ تەنقىد ۋە تەنبىھلىرىنى رەت قىلغان ھەم ئانىسى سۈرىيە تۇرسۇن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلمەي تۇرۇپ، ھەرىكەتتىن توختىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى دادىسىغا ئوچۇق بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ مەيدانىنى بۇنىڭدىن ئىككى ئايلارچە ئىلگىرى خىتاي تۈركىيەدىكى كونسۇلخانىسىدىن تېلېفون تاپشۇرۇۋالغاندىمۇ ئوچۇق بايان قىلغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈنكى تېلېفون «سۆھبىتى» گە دادىسى بىلەن بىللە تاغىسى ۋە ئىنىسىمۇ قېتىلغان؛ ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئۇنى ئاتالمىش يامان يولدىن توسۇش مەزمۇنىدا پىكىر بايان قىلغان.

جەۋلان شىرمەمەت تېلېفون قىلىنغان ۋاقىت، ئورۇن، شۇنداقلا تەنقىد ۋە تەنبىھلەرنىڭ تونىغا ئاساسەن بۇ «سۆھبەتنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى» نى ھۆكۈم قىلغان.

12 يىل سۈكۈت قىلىپ ئائىلە بىخەتەرلىكى جەھەتتىن قىلچە پايدا كۆرمىگەنلىكى، ئەكسىچە پالاكەتكە ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالغان جەۋلان شىرمەمەت؛ ئانىسى تۈرمىدىن قۇتۇلماي تۇرۇپ نورمال ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، شۇڭا ھەرگىز سۈكۈت قىلالمايدىغانلىقىنى تەكرارلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قورغاس ناھىيەلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 30 يىللىق خىزمەتچىسى سۈرىيە تۇرسۇن ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىزچىل تەقدىرلىنىپ كېلىۋاتقان ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ، ئۇ، 2015 ‏-يىلى بىر قېتىم تۈركىيەگە كېلىپ كەتكەن. خىتاي كونسۇلخانا خادىمى ئۆتكەن ئايلاردا جەۋلانغا ئانىسى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەندە، ئانىسىنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىلگەنلىكى ۋە بۇنداق ئەيىبلىنىشكە جەۋلان ئۆتكۈزگەن بىر «خاتالىقنىڭ» سەۋەب بولغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتقان ھەم جەۋلاننىڭ «خاتالىقى» سۈپىتىدە، ئۇنىڭ مىسىرغا بارغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ مىسىرغا بېرىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن جەۋلان شىرمەمەت مەسىلە ئانىسى ياكى ئۆزىدە ئەمەس، بەلكى خىتاي تەرەپنىڭ جىنايەت ئۇقۇمى ۋە تەبىرىدە ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئاخباراتتىكى باياناتلىرىدا نۇقتىلىق تەكىتلەپ كەلگەنىدى.

جەۋلان شىرمەمەتنىڭ دېيىشىچە، ئۇ 6 ئايدىن بۇيانقى پائالىيەتلىرى داۋامىدا كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ھەر مىللەت، ھەر دۆلەت كىشىلىرىدىن ئۇنىڭغا ھەمكارلاشقۇچىلار چىققان. خەلقئارا جامائەتكە خىتاب قىلىشتا بەلگىلىك تەجرىبىگىمۇ ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن جەۋلان شىرمەمەت ئەمدى ئانىسىنىڭ دېلوسىنى خەلقئارا قانۇن ئورگانلىرىغا كۆتۈرۈپ ئاچىقىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئادۋوكات تۇتقانلىقى ۋە بۇ ئادۋوكاتنىڭ پات يېقىندا ئىش باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى