خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تۇغقانچىلىق» سىياسىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ تەلەپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-ماي كۈنى چاقىرىلغان كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى «قوشماق تۇغقانچىلىق» نى ئالغا سۈرۈش نامىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاي ئەر كادىرلىرىنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ ئائىلىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى 2017-يىلى باشلانغان تۇتقۇندا لاگېرلارغا قامالغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا چېن چۈەنگو سۆز قىلىپ، بۇ سىياسەتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن چۈەنگو: «پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەلەشتۈرۈپ، ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تۇغقانچىلىقى› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك شۇنداقلا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا بېرىپ-كېلىشى، ئالاقىسى ۋە قوشۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك،» دېگەن.
چېن چۈەنگو يىغىندا «تۇغقانچىلىق» ۋە «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 نۇقتىلىق خىزمەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن دىققەت قىلارلىق يېرى، ئۇ 9 نۇقتىلىق مەزكۇر خىزمەت پىلانىدا «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چەكلەشتە ئاتالمىش «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» نى باھانە قىلىپ كەلگەن ئىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى