خوتەن ۋىلايىتىدە يەسلى يېشىدىكى بالىلار ئاتا- ئانىسىدىن مەجبۇرىي ...

خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 1-ئىيۇن كۈنى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەكتەپ يېشىغا توشمىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى «ياتاقلىق يەسلىلەر» دە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان. «يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى» ناملىق خىتاي ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ بۇ خىل ياتاقلىق ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى «قۇرۇق گەپ» ۋە «پۈتۈنلەي تۆھمەت» دەپ رەت قىلغان. ھالبۇكى، ئامېرىكانىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان رەندى شىركىتى بۇ يىل 5-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىپ، خوتەن شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان 20 دەك بالىلار تۇرۇشلۇق «ياتاقلىق ئورۇنلار» نى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار لاگېرلارغا قامىلىپ، نۇرغۇن كىشى قاماق جازالىرىغان بۇيرۇلغان. بۇ، ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يېتىم قېلىشىنى كەلترۈپ چىقارغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئىلگىرى خىتاي دائىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ياتاقلىق يەسلىلەرنى قۇرۇپ، بۇ بالىلارنى مەزكۇر ئورۇنلارغا يىغىۋالغانلىقى، ئۇلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. يېقىندا يەنە خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى يەسلىلەرنىڭ ھەپتىلىك ياتاقلىق يەسلىلەرگە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى.

لېكىن خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى 1-ئىيۇن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «شىنجاڭ مائارىپقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. مائارىپ ئومۇمىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم سالمىقىنى ئىگەللىشى كېرەك، شىنجاڭدىكى ھەر بىر بالىنىڭ باراۋەر ھەم لاياقەتلىك مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دېگەندە ئىزچىل چىڭ تۇردى» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلنىڭ باشلىرى ششەرقىي تۈركىستاندىكى 4387 ئورۇندا يەسلى قۇرۇلۇشى باشلىغان. ئۇنىڭغا 662 مىڭ 900 يەسلى بالىسى سىغىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى