ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 29-ماي كۈنى فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تېزرەك ماقۇللاشقا چاقىرغان.
مەزكۇر ئورگاننىڭ بۇ چاقىرىقى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 27-ماي كۈنى «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللاپ، پرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنغاندىن 2 كۈن كېيىن ئېلان قىلىنغان.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەلەپ قىلىنغان. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ باياناتىدا يەنە ئامېرىكا چېگرا-تاموژنا ئىدارىسىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە قارشى تۇرۇش يولىدىكى كۈرىشىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا چېگرا-تاموژنا ئىدارىسى يېقىندا خوتەن «خاۋلىن چاچ بۇيۇملار شىركىتى» نىڭ چاچ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن ئىدى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ باياناتىدا: «بىز دۆلەت مەجلىسىنىڭ ‹ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ماقۇللاپ، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا چاقىرىمىز،» دېيىلگەن. «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» بۇ يىل 3-ئايدا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىغا سۇنۇلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا رۇبىيو، تېد كرۇز، ئاۋام پالاتىسىدا جېيمىس مىكگوۋېرن، كرىستوفېر سىمىسلار تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى