rabiye-qadir-xanim-turk-tarixi-we-dewlet-qurulmisi-muhakime-yighinida-sherqiy-turkistan-mesilisi-anglatmaqta.jpgرابىيە قادىر خانىم «گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيۇنى» نىڭ يىغىنىدا سۆز قىلماقتا

14 – دېكابىر «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى» بىلەن «گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيونى» بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان «تۈرك تارىخى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى» ناملىق مۇھاكىمە يېغىنىدا ئۇيغۇر دىيارى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىلىق مەلۇمات بېرىلدى.

پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرىدىن رابىيە قادىر خانىم ۋە سېيت تۇمتۈرك ئەپەندىلەرمۇ قاتناشتى.

«گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيونى» غا قاراشلىق ئامىستېردام ئەقسا مەسچىتى ۋەخپىنىڭ زالىدا ئۈچ سائەتچە داۋام قىلغان مەزكۇر پائالىيەتكە گوللاندىيەدىكى تۈرك مىللىي ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى، تۈرك مىللىيەتچى ياشلىرى، خانىم – قىزلار، يازارمەن، ژۇرنالىستلار بولۇپ، ئىككى يۈزچە ئادەم قاتناشتى.

پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتكەن گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيونىنىڭ باشلىقى مۇراد گېدىك ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەكلىپكە بىنائەن قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم تۈرك فېدېراتسىيونى بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ: «ھەر قېتىملىق گوللاندىيە زىيارىتىدە تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇمات بەردى. ئۇ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن شەخسىي تۇرمۇشىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار ھەققىدىمۇ توختالدى ۋە سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

«تۈرك تارىخى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى» ناملىق لېكسىيە بىلەن باشلىنىپ، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ زارى» ناملىق پىكىر تېمىسى بىلەن ئاخىرلاشقان بۇ پائالىيەتتە رابىيە قادىر خانىمدەك بىر دەۋا ئادىمىنىڭ بەرگەن بەدەللىرى ۋە قورقماس روھىدىن تەسىرلەنگەن، زۇلۇم ئىچىدە ھايات – ماماتلىق كۆرۈشى قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا بولغان ھېسداشلىق تۇيغۇلىرىنىڭ ھاياجانغا چۆمگەن پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى، رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرگە خاتىرە رەسىملەرگە چۈشتى.

پائالىيەت مەزكۇر فېدېراتسىيون باشلىقى مۇراد گېدىك ئەپەندىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا «گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيونى تەشەككۈر لەۋھەسى» نى تەقدىم قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيونى» نىڭ باشلىقى مۇراد گېدىك ئەپەندى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ «تۈرك تارىخى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى» ناملىق مۇھاكىمە يېغىنىغا تەشرىپ قىلىپ، تۈرك مىللىي ھەرىكىتىنىڭ جامائەتلىرىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيونى» نامىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان كەچمىشتىكى ھەمكارلىقنىڭ غەلىبىلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ‹گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيونى› غا قاراشلىق ئامىستېردام ئەقسا مەسچىتى ۋەخپىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك تارىخى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى» مۇھاكىمە يېغىنىغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ قېتىلىشى بىزنى ھاياجانلاندۇردى. چۈنكى بۇ مۇھاكىمىمىزنىڭ تارىخىمىزدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كېلىپ توختىلىشى ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.

ئەلۋەتتە، بۇ بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى پائالىيىتىمىز ئەمەس، بەلكى يىلدا بىر قانچە قېتىم پائالىيەت تەشكىللەپ كېلىۋاتىمىز. بۇ بىزنىڭ 2015 – يىلىغا تەۋە 3 – پائالىيىتىمىز. كۆرگىنىڭىزدەك ئىشتىراكچىلار زالغا سىغماي قالدى. ھەتتا ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلاپمۇ، ھاياجان چۆمدى. ئۆتكەندە رامىزان ئېيىدىمۇ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئىپتار قىلىش، جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش ئارقىلىق نامايىش قىلىشتەك بىرلەشمە پائالىيىتىمىز بىلەن ‹گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيونى› نامىدىن ئاۋازىمىزنى ياڭراتتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا فېدېراتسىيونىمىز نامىدىن گوللاندىيە پارلامېنتىغىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا بولۇۋاتقان زۇلۇملارنىڭ چەكتىن ئاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ يازما دوكلات سۇندۇق. ئۆتكەندە يەنە شەرقىي تۈركىستاندىن ھىجرەت قىلىپ، تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە يەرلەشكەن قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم توپلاش پائالىيىتى تەشكىللەپ ئۇلارغا يەتكۈزدۇق. بۇ خىزمەتلىرىمىز سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا بىرەر پايدىمىز يەتسە، بىز ئۈچۈن نېمە دېگەن، بەخت ھە؟! چۈنكى بۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر. ئەھمەد يەسىۋىينىڭ ئېيتقىنىدەك، ‹تۈركلۈك بىزنىڭ تەقدىرىمىز› دۇر. بىز ئۈچۈن تۈرك سىستېمىسىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىش باشقىلاردىن ئىلگىرى كۈلىدۇ. نەدە بىر تۈرك بولسا، ئۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ تويلىرى بىزنىڭ تويلىرىمىزدۇر. يىغىسى يىغىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ دەردى بىزنىڭ دەردىمىزدۇر.»

مۇرات گېدىك ئەپەندى يەنە مىللىيەتچى ھەرىكەت ئىدېئولوگىيىسىدە يۇغۇرۇلغان قېرىنداشلارنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا بولغان كۆز قارىشى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا: «ھەر قاچان شەرقىي تۈركىستان دېيىلسە ئىچىمدىن قانلىق يىغا كېلىدۇ. ئۇ بىزنىڭ مىللىي ئېڭىمىزدۇر. بىز تەشكىلات بولۇپ قۇرۇلغاندىن بېرى ‹تۈرك توپلىمىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ئۆز قىيىنچىلىقىمىز› دەپ كەلدۇق. بىزنىڭ تۈرك دۇنياسىغا بولغان كۆز قارىشىمىز ھەم قۇرئانىيدۇر. ھەم تۇرانىيدۇر.» دەپ جاۋاب بەردى.