ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان، كېلىپ چىقىشى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن چېتىشلىق بولغان مىڭلىغان خىتاي ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلىشنى ئويلاشماقتىكەن.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئاقسارايدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەردىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور قىسمىنى ئىگىلەيدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان تۇنجى ۋىزا چەكلىمىسى بولۇپ قالىدىكەن.
مەزكۇر خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر خىتاينىڭ خوڭكوڭغا دائىر «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» ماقۇللىشى سەۋەبلىك ئامېرىكا خىتايغا قارىتا جازا تەدبىرلىرى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان مەزگىلدە چىققان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش مەسىلىسى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا مۇزاكىرە قىلىنغان ئىكەن، يەنى بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى تەتقىقات تېمىلىرىدىن پايدىلىنىپ، تېخنىكا جاسۇسلۇقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىتا ئېلىنغان تەدبىر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ يىل فېۋرال ئېيىدا بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئىلىم-پەندىكى كەڭچىلىكىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئامېرىكادىن تېخنىكا ئوغرىلاۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ «مىڭ تالانت پروگراممىسى» دېگەندەك پروگراممىلار ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ۋە ۋاكالەتچىلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇ چاغدا يەنە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاينىڭ ئامېرىكا تېخنىكاسىنى ئوغرىلاش مەسىلىسىگە ئالاقىدار 1000 دەك دېلو ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بوستۇن شەھىرىدە خىتاي ئۈچۈن تېخنىكا ئوغرىلاپ بەرگەن 3 كىشىنى قولغا ئالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىككىسى خىتاي، بىرى ئامېرىكالىق. ئامېرىكالىق بولغىنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىئوخىمىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى چارلېس لېيبېر ئىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى