«شىنجاڭ روزى ھاجى سودا چەكلىك شىركىتى»، «كورلا چىلانباغ ئۆي-مۈلۈكچىلىك شىركىتى» نىڭ خوجايىنى 43 ياشلىق روزىھاجى ھەمدۇل ئەپەندى.

2020-يىلى 12-مارت، لوندوندىكى «چەتئەلدىكى ئادالەت» ناملىق ئەدلىيە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلان قىلىشىغا قارىغاندا، ئۇلار بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ۋە ئىختىيارسىز غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خىزمەت گۇرۇپپىسىغا، خىتاينىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قويۇپ بېرىشكە تەدبىر قوللىنىش ھەققىدە ئەرز سۇنغان.

ئۇلارغا ھاۋالە قىلغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان روزى ھەمدۇل ۋە مۇھەممەد ھەمدۇلنىڭ تۈركىيەدىكى ئىنىسى ئۆمەر ھەمدۇل ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆزبېك دادا ۋە بالا ئەنۋەر تۇرسۇن ھەم ئەزىمەتنىڭ چەتئەللەردىكى تۇغقانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«چەتئەلدىكى ئادالەت» گۇرۇپپىسىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئەدلىيە گۇرۇپپىسىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەجبۇرىي ۋە ئىختىيارسىز غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى (UNWGEID) تەرىپىدىن بۇ كىشىلەرنىڭ دېلولىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزگەنلىكى ۋە «مۇۋاپىق تەكشۈرۈشلەرنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» ئۇقتۇرۇلغان.

ئەگەر خىتاي يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنىڭ تەقدىرى، ئىز-دېرىكىنى قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرسا، بۇ ئۇچۇرلار خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن قاراپ چىقىلىدىكەن ۋە بۇلارنىڭ يوقاپ كېتىش ھەم تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش نەتىجىسى بەلگىلىنىدىكەن.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان، خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ غايىب قىلىنغان روزا ھەمدۇل ۋە مۇھەممەد ھەمدۇللارنىڭ ئىنىسى، تۈركىيەدىكى ئۆمەرجان ھەمدۇل ئىلگىرى ئىككى ئاكىسى ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ،  ئۆمەرجان ھەمدۇلنىڭ ئادۋوكات ئارقىلىق ب د ت مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا ئەرز سۇنۇشىنىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسى ھەققىدە ئۇنى قايتا زىيارەت قىلغان.

ئۆمەرجان ئاكىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشتا، ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان ئاماللارنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى، يېقىندا قانۇنىي يول ئارقىلىق ئەرز سۇنۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە سوراش ئارقىلىق ئادۋوكات مايكېل بىلەن تونۇشۇپ، ب د ت غا ئەرز سۇنغانلىقىنى، ئەمما ھازىرچە تېخى جاۋاب كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۆمەرجان ھەمدۇل بۇلتۇر 8-ئايدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزىنىڭ كورلادىكى ئاكىلىرى، يەنى كۆزگە كۆرۈنگەن ئاكا-ئۇكا كارخانىچىلار ھاجى ھەمدۇل ۋە مۇھەممەد ھەمدۇللارنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇلار يەر مۈلۈك ۋە بارلىق بىساتىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنىدى. ئۇ يەنە ئاكىلىرى ھەمدە ئائىلىسى ئۇچرىغان زۇلۇمنى باشقا ئاخباراتلار ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىقمۇ ئاكتىپ ئاڭلىتىپ كېلىۋاتماقتا ئىدى.

مايكېل پولاك ئۆزىنىڭ، خىتاي تەرىپىدىن مەجبۇر غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىۋاتقان ئەنگلىيە، كانادا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارغا ۋاكالىتەن، ئۇلارنىڭ ئەرزىنى ب د ت غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خىزمەت گۇرۇپپىسىغا سۇنغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ دېلولارنى رەسمىي قولغا ئېلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەنگلىيەدىكى ئادۋوكات مايكېل پولاك يەنە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن ھۇجۇمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، قانۇنسىز ھالدا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى روزى ھەمدۇل ۋە مۇھەممەد ھەمدۇل، ئۆزبېك دادا-بالا بولغان ئەنۋەر تۇرسۇن ۋە ئەزىمەت ئەنۋەر قاتارلىقلارنىڭ دېلولىرى ئۈستىدە ئىشلەۋاتىمىز. بۇ كىشىلەرنىڭ غايىب بولۇشى ئۇيغۇرلار، ئۆزبېكلەر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرى مەجبۇرىي غايىب بولۇپ، جازا لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنىڭ مىسالى بولالايدۇ. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان.

بۇ كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوق قىلىش نىشانىغا ئايلىنىشى ئۇلارنىڭ پەقەت ناھايىتى نەتىجىلىك تىجارەتچى، كارخانىچىلار بولغانلىقى دەپ قارايمەن. ھازىرچە بۇلارنىڭ بىرىنىڭ رەسمىي كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولغان بولسىمۇ قالغانلىرى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق».

مايكېل پولاك ب د ت نىڭ بۇ دېلولارغا قارىتا ئىنكاسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ‹چەتئەلدىكى ئادالەت› گۇرۇپپىسى، ب د ت مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ دېلولارنى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى رەسمىي تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىدىن خۇشالمىز. خىتاينىڭ خەلقئارادا قانۇنسىز بولغان قىلمىشلىرىنىڭ دىققەت قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىلىۋاتقانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. مەن ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى بىلەن 14-ماي كۈنى قايتا ۋىدىيو ئارقىلىق كۆرۈشتۈم. بىز ئۇلاردىن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ھازىرقى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشتىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ بىگۇناھ كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى سوراشنى تەلەپ قىلدۇق. دۇنيا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ۋەھشىي قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمماسلىقى كېرەك، ھۆكۈمەت، تەشكىلات ۋە بارلىق پۇقرالار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بىگۇناھ كىشىلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئازاب ۋە زۇلۇملىرىنى توختىتىشى كېرەك».

مايكېل ئەپەندىنىڭ ئىزاھات بېرىشىچە، «چەتئەلدىكى ئادالەت» ئورنى بارلىق توسالغۇلارغا چەتئەل ئەدلىيە سىستېمىسى ئارقىلىق يول تېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلات كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەخلى-تەرزگە ئۇچرىغانلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا قانداق قىلىپ ئادالەتنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش ۋە ياردەم بېرىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

ئادۋوكات مايكېل پولاك خەلقئارالىق قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئادۋوكاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياردەمگە موھتاج كىشىلەرنى دۇنيادىكى ئون نەچچە دۆلەتتە ئۆز تەجرىبە ۋە ئالاقىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئۇلار ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ ئادالەتكە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرەلەيدىغان بارلىق قانۇنىي، سىياسىي ۋە تەكشۈرۈش باسقۇچلىرىنى ئويلىشىدىغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئەرز سۇنۇش بولسا ئۇلارنىڭ خىزمەت مېخانىزمىدىكى مۇھىم بىر باسقۇچ ئىكەن.

مايكېل ئەپەندى ب د ت مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئەرز يوللاشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ دېلولىرىدىن قارىغاندا، خىتاي بۇ كىشىلەرنى قانۇنسىز قولغا ئېلىش ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئۆزى قول قويغان ۋە ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بولغان قانۇنلارغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان. ب د ت گۇرۇپپىسىنىڭ دەل، ئەزا دۆلەتلەردىن كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارسىز غايىب بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سوراش، تەكشۈرۈش، قارار قىلىشتەك ۋەزىپە ئۆتەش مەسئۇلىيىتى بار.

خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت مېخانىزمى بولسا، مەجبۇرىي غايىب بولۇش دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، تەكشۈرىدۇ ۋە ھۆكۈمەتكە يەتكۈزىدۇ. شۇنداقلا ھۆكۈمەتلەردىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ۋە نەتىجىسىنى ئۇقتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ تەلەپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ھەققىدە قەرەللىك ھالدا ئىز قوغلايدۇ. بۇ ئەھۋاللار خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا شۇ كىشىنىڭ تەقدىرى ياكى ئىز-دېرىكى بولغۇچە ئوچۇق ھالەتتە تۇرىدۇ. دېمەك بۇ، مەزكۇر گۇرۇپپا تاپشۇرۇۋالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دېلولارغا خىتاي جاۋاب بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇلارنىڭ ئىسپات ۋە دوكلات سۈپىتىدە ب د ت نىڭ ئارخىپىدا ساقلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».

ب د ت نىڭ ئاشكارا دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بارلىق ئىنسانلارنى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشتىن قوغداش خەلقئارا ئەھدىنامىسى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى يولغا قويۇلغان. مەجبۇرى غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر كومىتېتىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتابنامىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىنى نازارەت قىلىش ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتابنامىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى توسالغۇلارنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىش ھاۋالە قىلىنغان.

ئىنكاسلارغا قارىغاندا، 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان تۈرمە ۋە لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن ئادالەت ئىزدەپ، بىۋاسىتە ۋە ئەدلىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ب د ت مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئەرز سۇنغۇچى ئۇيغۇرلار بارغانچە كۆپەيمەكتىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى