بىرقانچە كۈندىن بۇيان خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ(شىمىگو) رايونىدىكى قەبرىستانلىقنى كۆچۈرۈش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇشى» ناملىق بىر ئۇچۇر تارقالدى.
2020-يىلى 22-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشقا ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، ئۆي قۇرۇلۇش ئىدارىسى، يەر باشقۇرۇش ئىشخانىسى قاتارلىق 3 ئورۇننىڭ تامغىسى بېسىلغان. ئۇقتۇرۇشتا ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق 7-توقۇمىچىلىق رايونىدىكى قەبرىستانلىقنىڭ يېقىندا كۆچۈرۈلىدىغانلىقى، شۇڭا قەبرە ئىگىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىگە قەدەر تىزىمغا ئالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا يەنە بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇلمىغان قەبرىلەرنىڭ ئىگىسىز قەبرىلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، دەپنە ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق جايلارغا تېلېفون قىلىپ ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا مەجبۇرىي كۆچۈرۈش بېكىتىلگەن قەبرىستانلىقنىڭ ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونىدىكى ئۇيغۇر قەبرىستانلىقى ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ قەبرە ئىگىلىرىنى تىزىملاشنى جىددىي تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.
ئۇقتۇرۇشتا قالدۇرۇلغان ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىغا ئاساسەن ئۈرۈمچى ۋاقتى 27-ماي ئەتىگەندە شىمىگۇ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغان بولۇپ، تېلېفوننى ئالغان خىتاي خادىم قەبرىلەرنى يۆتكەش ئۇقتۇرۇشنىڭ بىرقانچە كۈن ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چىقىرىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە قەبرىلەرنى رەسمىي قېزىپ يۆتكەش تېخى باشلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما قەبرە ئىگىلىرىنى تىزىملاش خىزمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچىدىن باشقا جايدىكىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۇغقانلىرىغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلار ئۇنىڭدىن بۇ قەبرىلەرنى نېمە ئۈچۈن يۆتكەش زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ تېلېفوننى قويۇۋەتكەن.
بۇلاقتاغ رايونلۇق دەپنە ئىشلىرى ئىدارىسى مۇسۇلمانلار دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىكىتېلېفوننى ئالغان ئۇيغۇر خادىم قەبرىستانلىقنىڭ بۇلاقتاغدىكى ئۇيغۇر قەبرىستانلىقى ئىكەنلىكى، تىزىملاش باشلانغان بىر ھەپتىدىن بۇيان قەبرە ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان ئاتا-بوۋىلىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ قەبرە تېشىدىكى بەلگىلەرنى سۈرەتكە تارتىپ ئەكىلىش ئارقىلىق جىددىي تىزىملىتىۋاتقانلىقى، تىزىملاشنىڭ 5-ئاينىڭ ئاخىرى تاماملىنىدىغانلىقى، 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ قەبرىلەرنىڭ رەسمىي كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلار بۇ خادىمدىن قەبرىستانلىقنىڭ نېمە سەۋەبتىن كۆچۈرۈلىدىغانلىقى، قەيەرگە كۆچۈرۈلىدىغانلىقى، قەبرىستانلىق كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن بۇ جايغا قانداق قۇرۇلۇش سېلىنىدىغانلىقى، قەبرە ئىگىلىرىنىڭ بۇ خىل يۆتكەشكە نىسبەتەن نارازىلىق ئىنكاسىدا بولغان-بولمىغانلىقىنى سورىغان.
خىزمەتچى خادىم بۇ سوئاللارغا نارازىلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، مەزكۇر قەبرىستانلىقنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئاي-ئۆتكەل(باداۋان) دىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا كۆچۈرۈش قارار قىلىنغانلىقى، بۇ جايغا قانداق قۇرۇلۇش چۈشىدىغانلىقىنى ھازىرچە بىلمەيدىغانلىقى، قەبرە كۆچۈرۈش ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بۇنداق ئىنچىكە سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، قەبرە ئىگىلىرى بۇ ئىشقا نارازى بولغان ئەھۋالدىمۇ قەبرىستانلىقنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاقتاغ رايونىدا تۇغۇلۇپ-ئۆسكەن، 2015-يىلىغىچە ئائىلىسى بىلەن مەزكۇر رايوندا ياشىغان، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ 7-توقۇمىچىلىق رايونىدىكى قەبرىستانلىق بۇلاقتاغ، باداۋان قاتارلىق رايونلاردا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار دەپنە قىلىنىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ چوڭ قەبرىستانلىقى ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2014-يىلىدىن باشلاپ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «بۇ قەبرىستانلىق بارغانچە كېڭىيىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىدارىلەرگە يېقىنلىشىپ كەتتى» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر قەبرىستانلىقتىن داۋاملىق يەرلىك سېتىۋېلىشىغا چەك قويغان ئىكەن.
ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قويۇش، قەبرىلەرنى يوقىتىش قاتارلىق ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىدىكى ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈش مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنماقتىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى مەشھۇر زاتلىرىنىڭ مازارلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىنى مەجبۇرى كۆچۈرۈش ئىشلىرى بۇندىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى. يېقىنقى ئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدە خىتاي دائىرىلىرىشەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇپ-شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت قەبرىستانلىقلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش نامىدا قەبرە تېشىدىكى ئايەت، ئاي-يۇلتۇز قاتارلىق ئىسلامىي بەلگىلەرنى مەجبۇرىي ئۆچۈرگۈزۈش، قەبرە تېشىدا پەقەت نومۇر تاختىلىرىنىلا قالدۇرۇش، قەبرىلەرنى قەۋەتلىك قىلىپ ئۆزگەرتىش، ھەتتا داۋاملىق مېيىت قويۇلۇۋاتقان قەبرىستانلىقلارنى مەجبۇرىي يۆتكەپ يوقىتىش، بۇ جايلارنى خىتاينىڭ شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ساياھەت ۋە ئىستىراھەت باغچىلىرىغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى جىددىي تۈردە ئېلىپ بارغان. بۇ ئەھۋاللار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى