2017‏-يىلىنىڭ بېشىدا تۇتۇلۇپ كېتىلىپ، 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن مەمەتياسىن ئۇرايىمنىڭ قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى سۈرىتى.

تۈركىيەدىكى توققۇزاقلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى توققۇزاقنىڭ ئوغۇساق يېزا غوجىلا كەنتىدىكى دوستى مەمەتياسىن ئۇرايىمنىڭ 2017‏-يىلىنىڭ بېشىدا تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقى، ئەمما ئاقىۋىتىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمايۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ  ئالاقىدار ئورۇنلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئوغۇساقنىڭ بىر كەنتىدىنلا مەمەتياسىن ئۇرايىم قاتارلىق 57 كىشىنىڭ 10 يىللىقتىن يۇقىرى كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

توققۇزاقلىق مۇھاجىرنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل 38 ياشلارغا كىرگەن مەمەتياسىن ئۇرايىم كۈنبويى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولسىمۇ، داۋاملىق پاكىز كىيىنىپ يۈرۈشى، قولۇم-قوشنا ۋە مەھەللە-كۆي بىلەن مۇناسىۋەتتە ئارتۇقچە گەپ-سۆز ۋە تالاش-تارتىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇشى، ئائىلىسىدىن باشقا ئىشلارغا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەسلىكى قاتارلىق تەرەپلىرى بىلەن مەھەللە جامائىتىگە تونۇلغان. شۇڭا 2017-يىلىنىڭ بېشىدا مەمەتياسىن ئۇرايىم «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەندە بۇ ئەھۋال مەھەللە جامائىتىگە تاسادىپىي ۋە ھەيران قالارلىق بىر ۋەقە بولۇپ تۇيۇلغان.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، مەمەتياسىن ئۇرايىم تۇتۇلۇشنىڭ ئالدىدا دېھقانچىلىقتىن ئېشىنغان كۈنلىرى توققۇزاق تەۋەلىكىدىكى زاۋۇت ياكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەمچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئوغۇساقتا ھېچقانداق بىر ئىشقا ئارىلاشمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ سەۋەبسىز تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە كېسىۋېتىلگەنلەرنىڭ يالغۇز مەمەتياسىن ئۇرايىم ئەمەسلىكى، ئوغۇساقنىڭ ھەر بىر كەنتىدىن يۈزلەرچە كىشىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى يەنە يۈزلەرچە كىشىنىڭ «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. مۇخبىر بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن توققۇزاق ناھىيەلىك ج. خ. قوماندانلىق مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلاردىن ئوغۇساقنىڭ غوجىلا كەنتى يەنى 9‏-كەنتتىنلا جەمئىي قانچە كىشى كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى سورىغان. ئالاقىدار خادىم ئارخىپتىكى تىزىملىككە قاراپ تۇرۇپ مۇشۇ بىر كەنتتىنلا 57 كىشىنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بۇ خادىمنىڭ بايانلىرىدىن بۇ 57 كىشىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 25-40 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكى، ئاز بىر قىسمىنىڭ 40-55 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 57 كىشى ئىچىدىكى مەمەتياسىن ئۇرايىم قول تېلېفونىدا ئاتالمىش «زىيانلىق ئۇچۇر» تارقاتقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان.

ئېنىقلاشلار داۋامىدا مەمەتياسىن ئۇرايىم تەۋە بولغان 9-كەنت 1-مەھەللىدە بىر كوچىدىنلا 10 كىشىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان. بۇ مەھەللە باشلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەمەتياسىن ئۇرايىم ئەڭ دەسلەپتە توققۇزاق ئوپالدىكى لاگېرغا ئەكېتىلگەن. مەھەللە كادىرلىرىدىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەمەتياسىن ئۇرايىم تۇتۇپ ئەكېتىلىپ بىر يىلدىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشتۈرۈلگەن. مەمەتياسىن ئۇرايىمنىڭ ئېكراندىكى ئاجىز قىياپىتى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى چۆچۈتكەن.

يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، 5‏-كەنتتىن كېسىۋېتىلگەن 57 كىشى ئارىسىدا ئاياللارمۇ بار بولۇپ، بۇلارمۇ پەقەت قول تېلېفونىدا تاپشۇرۇپ ئالغان ياكى يوللىغان ئۇچۇرلىرىدا «مەسىلە» كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن كېسىۋېتىلگەن.

مەزكۇر 57 مەھبۇسنىڭ تۆۋىنى 10 يىللىق، يۇقىرىسى 25 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى توققۇزاق ئوپالدىكى لاگېردا 1-2 يىلچە تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن بەزىلىرى ئۈرۈمچىدىكى، بەزىلىرى قەشقەردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن. مەمەتياسىن ئۇرايىم نۆۋەتتە قەشقەردىكى مۇش تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوغۇساق بازىرىنىڭ 2017-يىلىدىكى ئومۇمى نوپۇسى 20500 بولۇپ، 57 ئەزاسى 10 يىللىقتىن يۇقىرى كېسىۋېتىلگەن، ئۇنىڭ 5‏-كەنتى 400 چە ئائىلە 2000 چە نوپۇستىن تەشكىللەنگەن. ئەمما بۇ كەنتتىن قانچە كىشىنىڭ 10 يىللىقتىن تۆۋەن كېسىلگەنلىكى ۋە قانچە كىشىنىڭ تېخى لاگېردا ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى