ئۆتكەن ئايدا گۇاڭجۇدا ۋۇخەن كورونا ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بايقالغانلىقى ئاشكارىلانغان ۋە ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر بۇ ئىككىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن گۇاڭدۇڭغا يۆتكەلگەن مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئىزچىل ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ئىككى يۇقۇمداردىن بىرىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە ئاقسۇدىن گۇاڭدۇڭدىكى بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان مىڭ ئەتراپىدا ئىشچى بارلىقى ئايدىڭلاشقان.
مۇخبىرلارنىڭ تېلفونىنى قوبۇل قىلغان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە باشقارمىسىنىڭ خادىملىرى مەزكۇر ئىككى يۇقۇمداردىن بىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن، يەنە بىرىنىڭ ئاقسۇدىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. بۇ خادىملار يەنە بۇ ئىككى يۇقۇمدارنىڭ يېشىنىڭ 40تىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.مۇخبىرلار بۇ ئۇچۇرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلغان بولۇپ، تېلېفوننى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر خادىم ئىككى يۇقۇمداردىن بىرىنى ئۈرۈمچىلىك ئەمەس، قەشقەردىن دەپ ئاڭلىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ گۇاڭجۇدىن ئۈرۈمچىگە مال سېلىۋاتقان بىر ئايال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاقسۇدىكى ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى، ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى يۇقۇمداردىن خەۋىرى يوقلۇقى، ئەمما ئاقسۇ شەھىرىدىن گۇاڭدۇڭدا ئىشلەۋاتقان بىر زاۋۇتتىلا 1000 ئەتراپىدا كىشى بارلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئاۋسترالىيەدىكى سىياسىي ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى خىتاينىڭ ھۆججەتلىك ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندىن ئاز دېگەندە 80 مىڭچە ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت-فابرىكىلارغا مەجبۇرىي يۆتكەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى. خىتاينىڭ بۈگۈنكى، يەنى 22-مايدىكى بىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر شەرقىي تۈركىستاندىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە رىغبەتلەندۈرۈش يولى بىلەن يۆتكەش ئۈچۈن قاتناش پۇلىنى كۆتۈرۈش، ئائىلىسىدە قالغان پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تولۇقلىما پۇل بېرىش قاتارلىق بىر قاتار يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلغان. ئەمما دائىرىلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ يۆتكەلمە ئىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. شۇڭا گۇاڭجۇدا بايقالغان ئىككى يۇقۇم گۇماندارىنىڭ، يۇرت تەۋەلىكى مەلۇم دەرىجىدە ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ۋۇخەن كورونا ۋىرۇستىن قانداق شارائىت ئاستىدا يۇقۇملانغانلىقى تېخىچە، مەلۇم ئەمەس.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى