ئامېرىكانىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت دەسترو ئۇيغۇر قاتارلىق ھۆرلۈككە تەشنا خەلقلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ، 22-ماي ئېلان قىلغان تۋىتتېر باياناتى خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭغا ئالاقىدار خەۋپسىزلىك قانۇنى چىقىرىشقا تۇتۇنغان، كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتىلغان دىققەت نۇقتىسى بۇرۇلۇپ كەتكەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.
دەسترو باياناتىدا مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلىشى، بۇ مۇستەبىت، بىر پارتىيەلىك دۆلەتنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى خاراكتېرىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. بىز 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېندىن خوڭكوڭ، بۈگۈنكى شىنجاڭ ۋە تىبەتكىچە ھۆرلۈككە تەشنا ھەممەيلەننى قوللايمىز.»
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەتلىك «ئىككى قۇرۇلتاي» مەزگىلىدە خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئاپتونومىيەلىك ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك بىر دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى ماقۇللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قانۇندا خوڭكوڭ 1997-يىلى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن بۇيان خوڭكوڭ خەلقى بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن پىكىر، يىغىلىش ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
ب ب س نىڭ نەقىل قىلىشىچە، خوڭكوڭنىڭ پارلامېنت ئەزاسى دەننىس كۋوك: «بۇ، ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش› پرىنسىپىغا خاتىمە بېرىلگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن.
مەزكۇر قانۇننىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقى ۋە ماقۇللۇقتىن ئۆتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
بۇ قانۇننىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم «خوڭكوڭ خەلقنىڭ ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەن ھەرقانداق شەكىلدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنىنىڭ دۇنياۋى لەنەتكە ئۇچرايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت دەسترونىڭ تۋىتتېر باياناتى بۇ ھەقتە خىتايغا بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك سىگناللارنىڭ بىرى ئىكەن.
دەسترو ئەپەندىمنىڭ مەزكۇر باياناتى يەكشەنبە كۈنىگىچە 3 مىڭ قېتىمغا يېقىن ھەمبەھىرلەنگەن، 4 مىڭ قېتىمغا يېقىن ياخشى كۆرۈشكە ئېرىشكەن. بۇ باياناتقا يېزىلغان ئىنكاسلار 200 قېتىمغا يېقىنلاشقان.
ئىنكاسلارنىڭ كۆپىنچىسىدە روبېرت دەسترو ئەپەندىمگە تەشەككۈرلەر ئېيتىلغان ۋە خىتايغا ئېمبارگو قويۇش چاقىرىقلىرىمۇ يەر ئالغان. بەزى ئىنكاسلاردا «شىنجاڭنىڭ بۈگۈنى، خوڭكوڭنىڭ ئەتىسى» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارمۇ يېزىلغان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى