چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك بۇ يىللىق روزا ھېيتنى ئائىلىسىدە كۈتۈۋالغان مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىشەرقىي تۈركىستاننىڭ بەزى جايلىرىدا «كونتروللۇق ئاستىدىكى روزا ھېيت تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى» نى ئۇيۇشتۇرغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رامزاندا روزا تۇتۇشنى چەكلەپ، روزا تۇتقۇنلارنى پاش قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ روزا ھېيت كۈنى رايوندىكى بەزى مەسچىتلەردە «كونتروللۇق» ھېيت نامىزى ئوقۇتۇشى، بەزى ساياھەت نۇقتىلىرىدا ساما ئۇسۇلى ئوينىتىشتەك «كونتروللۇق ئاستىدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشى» پۈتۈنلەي «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ئىكەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بەزى سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 24-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدىكى نوغاي مەسچىتى قاتارلىقلاردا ھېيت نامىزى ئوقۇلغان. لېكىن، قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدا بىر تۈركۈم كىشىلەر ساما ئويناشقا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ھېيتگاھ جامەسىدە ناماز ئوقۇلغان-ئوقۇلمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. كۆزەتكۈچىلەر، ھېيت نامىزىغا قاتناشقان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆلىمىگە قاراپ، بۇ يىللىق روزا ھېيتنىڭ ئۆتكەن يىلقىغا ئوخشاشلا پىلانلىق، تەشكىللىك، كونتروللۇقتا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، ئۇنىڭ دۇنياغا «ئۇيغۇرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىۋاتىمىز» دېگەن سىگنالنى بەرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلقى روزا ھېيتنى خىتاينىڭ «تاڭزوڭزا بايرىمى» بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈپ، مۇسۇلمانلارنى خىتايلار بىلەن تاڭزوڭزا يەپ بايرام ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك دائىرىلەر، كەنت پارتىيە سېكرېتارلىرى بۇ يىل روزا ھېيتىنى جەنۇبتىكى يېزا-بازار، كەنتلەردە ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تەبرىكلىگەچ بۇنى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىننىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان سىياسىي پائالىيەتكە ئايلاندۇرغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا روزا ھېيتتا بايرام كەيپىياتى يارىتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيادا لاگېرلاردىكى 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەققىدىكى سادالار كۈنسېرى كۈچەيمەكتىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى