ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاينىڭ 33 شىركىتىنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋەشەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشى سەۋەبلىك «قارا تىزىملىك» كە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 25-ماي خەۋەر قىلىشىچە، قارا تىزىملىكتىكى شىركەتلەر ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن شۇنداقلا خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 22-ماي كۈنى قارا تىزىملىككە ئالغان 33 شىركەتنىڭ 9ئى شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلەنگەن.
تىزىملىكتىكى بۇ شىركەتلەر خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن دوختۇرلۇق تەتقىقات ئىنستىتۇتى، ئاقسۇ خۇافۇ توقۇمىچىلىق شىركىتى، كلودۋولك تېخنولوگىيە شىركىتى، فايبېرخوم تېخنولوگىيە گۇرۇھى، نەنجىڭ فايبېرخوم ئالاقە تەرەققىيات شىركىتى ۋە نېتپوسا قاتارلىق 8 شىركەت، بىر دۆلەت ئاپپاراتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىزىملىكتىكى بەزى شىركەتلەر بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارارىنى تەنقىدلىگەن. خىتاينىڭ كلودۋولك تېخنولوگىيە شىركىتى 24-ماي ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئامېرىكا دۆلەت قورالىنى ئىشلىتىپ، بازار قائىدىسىنى قالايمىقانلاشتۇردى. بۇ، ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە يەرشارى تەرەققىياتىغا زىيانلىق بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك بايلىق تەقسىماتىغا پايدىسىز» دېگەن.
لېكىن بۇ شىركەت ھۆكۈمەتكە ھەمكارلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنىڭ خەلقئارا بازار قائىدىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ 22-ماي ئېلان قىلغان باياناتىدا، يۇقىرىقى 9 شىركەت ۋە ئورگاننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان «باستۇرۇش، زور كۆلەملىك تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلەشلەردە سادىر بولغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە شېرىك بولغانلىقى» تەكىتلىگەنىدى.