ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ 22- مايدىكى خەۋىرىدە ئېلان قىلىشىچە، سودا مىنىستىرلىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان توققۇز چوڭ خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (BIS) خىتاينىڭ جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى ۋە ئاقسۇ خۇافۇ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى قاتارلىق سەككىز چوڭ خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن. بۇلار قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئامېرىكانىڭ تېخىنكىسىنى زىيارەت قىلىشتا چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ. بۇ ئىنىستوت ۋە شىركەتلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش قاتارلىقلارغا چېتىشلىق بولۇپ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەتەر ئېلىپ كەلدى دەپ ئەيىبلەنگەن.
مەنبە: ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى تورى