تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مىڭلارچە ئۇيغۇر 2017-يىلىدىن بۇيان يۇرتىدا قېلىپ قالغان ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالماي دۇنياغا نىدا قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا. ئۇلار «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم قەيەردە؟» دېگەندەك تۈرلۈك نىدا ۋە چوقانلارنى كۆتۇرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىگە سوئال قويماقتا. ئۇلاردىن بىرى ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئىسمائىل ئابدۇكېرىمدۇر. ئۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 86 ياشلىق دادىسى ئابدۇكېرىم ئىسمائىلنىڭ 2017-يىلى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى بۇ يىل 21-ماي كۈنى ئىشەنچلىك بىر مەنبەدىن تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسمائىل ئابدۇكېرىمنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ساقچىلار قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيىسى شەھەر يېزا 2-كەنت 2-مەھەللە ھېيتگاھ يېڭى مەھەللىسى 56-قورۇدىكى ئۆيىدىن 2017-يىلى تەربىيىلەش مەركىزىگە ئاپىرىمىز دەپ تۇتۇپ كەتكەن ئىكەن.
ئىسمائىل ئابدۇكېرىم زىيارەت داۋامىدا دادىسى ئابدۇلكەرىم ئىسمائىل بىلەن ئانىسى گۈلھەسەل مەمەتنىڭ 2017-يىلى يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، كېيىن ھەر ئىككىسىنىڭ 10 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، دادىسىنىڭ ئۈرۈمچى داخېيەندىكى تۈرمىگە، ئانىسىنىڭ قەشقەردىكى بىر تۈرمىگە قامالغانلىقىنى ئىشەنچلىك مەنبەدىن ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسمائىل ئابدۇكېرىم دادىسىنىڭ ئۆلۈم ھەققىدە 21-ماي كۈنى خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەر توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ رەزىل سىياسىتى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يۈرەكلىرىنى ئېزىۋاتىدۇ، ئۇلارنى زەرداب قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ تۈرمىسىدىكى ئانامنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمەن. ئانامنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى بىلمەيمەن. يالغۇز مەن ئەمەس، پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىردەك زۇلۇم تارتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىي زۇلۇمىغا پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق قارشى تۇرۇشىنى، ھەممە بىردەك ئاۋاز چىقىرىپ بۇ زۇلۇملارنى دۇنياغا بىلدۈرۈشىنى ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ئىسمائىل ئابدۇكېرىم يەنە ئابابەكرى ئابدۇلكەرىم، ئوسمانجان، ئۆمەرجان، ئەلىجان، ئابدۇۋاھىت قاتارلىق ئىنىلىرى بىلەن ھەلىمەگۈل ئىسىملىك سىڭلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 قېرىندىشىنىڭ يىغىلىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى، ئوغلى نۇرمۇھەممەتنىڭ قول تېلېفونىدىن ئىسلامىي مەلۇماتلار چىققانلىقى ئۈچۈن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا كېسىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇلار بىلەن 2017-يىلدىن بۇيان ھېچقانداق ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسمائىل ئابدۇكېرىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن خەلقئارا جامائەتكە خىتاب قىلىمەنكى، ھەر بىر ۋىجدان، ئەقىل ۋە غۇرۇر ئىگىسى خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىي زۇلۇملىرىغا قارشى تۇرۇشى، خىتايغا: ‹توختا! شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زۇلۇم قىلما، بۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئىنسان، سەن ھەددىڭدىن ئاشما، باشقىلارغا زۇلۇمغا قىلما! › دېيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىغا قارشى ھەممىمىز بىر جان بىر تەن بولۇپ، خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتمىسەك، خىتاي بىزنى يوق قىلىپ تۈگىتىۋېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك.»
مەنبە؛ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى