China Xinjiang Uygur Autonomous Region - Uyghur language news website

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىللىق رامازان ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدە 40 مىڭ چوشقا بېقىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاينىڭ «شىنلاڭ تېخنىكا خەۋەرلىرى» تورىدا 6-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر چوشقا بېقىش تۈرىگە خىتاي تېلېگراف شىركىتى 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، خەۋەردە «خىتاي تېلېگراف شىركىتى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تۈرىگە ياردەم بېرىپ، چوشقا بېقىش كەسپى تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشتى،» دەپ مەدھىيەلەنگەن.

قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي تيەنكاڭ چارۋىچىلىق تېخنىكىسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ھەر يىلى قەشقەرنىڭ چوشقا گۆشى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن 40 مىڭ چوشقا بېقىشتىن ئىبارەت بۇ كېلىشىمنى دەل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ رامازان ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىمزالىغان.

بۇ خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ كېلىشىم ئىمزالانغان كۈننىڭ دەل رامازاننىڭ بىرىنچى كۈنىگە توغرا كەلتۈرۈلۈشىنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئەپەندى تىۋىتتېر تورىدا بۇ خەۋەرنى تارقاتقاندا كېلىشىمنىڭ رامازاننىڭ بىرىنچى كۈنى ئىمزالىنىشىغا ئالاھىدە دىققەت ئاغدۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا چوشقا گۆشى ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 17 تۈرلۈك سىياسەت ۋە تەدبىر چىقارغان بولۇپ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى سانائەت رايونىدا مەخسۇس چوشقا باقمىچىلىقى بازىسى قۇرۇلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان قەشقەرنى چوشقا گۆشى بازىسى قىلىپ قۇرماقچى بولغانلىقىغا ئېنىق ئىزاھات بەرمىگەن، بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قىزىققۇچى تەتقىقاتچىلىرى بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە، دىنى ئېتىقادىغا قىلىنغان غەرەزلىك ھۇجۇم، دەپ تەنقىدلىمەكتە.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى