«ئۇستاز ژۇرنالىست، شائىر قۇربان مامۇتقا تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى» ناملىق يىغىندا (ئوڭدىن سولغا) يالقۇن روزى، قۇربان مامۇت،ۋە ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىلەر. 2013-يىلى 15-ماي،

شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت غايىب بولغىنىغا 3 يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۇنىڭ ئاقىىۋىتى ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرىدىن تا ھازىرغىچە رەسمىي بىر ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالمىغان ئىدى.
ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا قۇربان مامۇتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى سابىق خىزمەت ئورنى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم دەلىللەنگەن.

سەۋەبسىز تۇتۇپ ئەكېتىش ۋە ئەكېتىلگەنلىكىنى ئائىلىسىگە بىلدۈرمەسلىك ۋە ھەتتا نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تۇتقۇننىڭ ئۆزىدىنمۇ مەخپىي تۇتۇش شەرقىي تۈركىستاندا يېقىنقى ئۈچ يىلدا داۋام قىلغان تۇتقۇن ھەرىكىتىدە كۆپ كۆرۈلگەن بىر ھادىسىدۇر.

شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى قۇربان مامۇت 2017‏-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇشتۇمتۇت غايىب بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاش دادىسى ھەققىدە تا ھازىرغىچە رەسمىي (دائىرىلەر تەمىنلىگەن) بىر مەلۇماتقا ئېرىشەلمەي كەلگەن.

بىرقانچە ئايدىن بېرىقى ئېنىقلاشلار داۋامىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ تېلفۇنىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى قارمىقىدىكى بەزى خادىملار قۇربان مامۇتنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، بەزى خادىملار ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

بەھرام سىنتاششەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى 3 يىلدىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئەلسۆيگەن داڭلىق زىيالىيلارنىڭ قىسمىتىگە قاراپ تۇرۇپ دادىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان. بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتى ئۇنىڭغا دادىسى ھەققىدە گەپ سورىماسلىقنى بەزىدە ئەگىتىپ، بەزىدە ئاشكارا بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇ دادىسىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆڭلىدە جەزملەشتۈرگەن ئىدى.

تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 1950-يىلى كۇچا ناھىيەسى بېھىشباغ يېزا، بوستان كەنتىدە تۇغۇلغان، 1976-يىلى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1984-يىلغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ خىزمەت قىلغان. 1985-يىلدىن 2011-يىلغىچە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ، پېنسىيەگە چىققان.

بۇ ژۇرنالنىڭ نوپۇزى ۋە تۆھپىكار ژۇرنالىستنىڭ تەسىرى بەھرام سىنتاشنىڭ دادىسى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرغان. ئۇ ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ ئۈندىدارىدىكى سۈرەتلىرى ۋە كەيپىياتىغا قاراپ تۇرۇپ دادىسىنىڭ 2017-يىلى 11‏-ئايلاردا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى تەخمىن قىلغان. ئېنىقلاشلار داۋامىدا بەزى ئالاقىدار خادىملار قۇربان مامۇت خىزمەت قىلغان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تەمىنلەشنىمۇ رەت قىلغان.

بەھرام سىنتاش ھازىرغا قەدەر دادىسى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاكتىپ پائالىيەتلەرنى قىلغان. ئۇ «مەنمۇ ئۇيغۇر»، «قېرىنداشلىرىمىزدىن تېخىچە ئۇچۇر يوق» قاتارلىق ھەشتەگ پائالىيىتىنىڭ باشلامچىسى بولغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەتكە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئاخبارات ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتكە كۆرسەتكەن، ئەمما بەھرام سىنتاشنىڭ شىكايىتىگە جاۋاب بەرمىگەن، يەنى تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان ئىدى. بۇ ھەقتە مەدەنىيەت نازارىتىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى ئىزچىل جاۋابسىز قالدۇرۇلغان ئىدى.

ژۇرنالىست قۇربان مامۇت باش مۇھەررىر مەزگىلىدە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنالىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ ۋە نازۇك مەسىلىلىرى، ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇ ئۆتكۈر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يول خەرىتىلىرى كۆرسىتىلگەن. دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ «موسكۋا خىياللىرى»، يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام» قاتارلىق نادىر ساياھەت خاتىرىلىرى مانا مۇشۇ ژۇرنالدا نەشر قىلىنغان ئىدى.

تۈنۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «شىنجاڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت سارىيى» نىڭ بىر خادىمى قۇربان مامۇتنىڭ نۆۋەتتە نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋابەن دەسلەپتە ئۇنىڭ خېلى بۇرۇنلا دەم ئېلىشقا چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار ئۇنىڭدىن قۇربان مامۇتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئىزچىل سورىغىىدا ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. ئۇلار ئۇنىڭدىن قۇربان مامۇتنىڭ كېسىلىپ بولغان ياكى تېخى كېسىلمىگەنلىكىنى سورىغاندا ئۇ دېلودىن بۇ قەدەر تەپسىلىي مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتقان. ئۇلار بۇ خادىمدىن ژۇرنالىست قۇربان مامۇتنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى سورىغىندا ئۇ بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سوئال سوراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ژۇرنالىست قۇربان مامۇت دېلوسىنىڭ سەزگۈر بىر دېلو ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى