ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 19-ماي كۈنى «ئەركىنلىك ئۈچۈن يېزىش ئىندېكسى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۇنيادا ئەڭ كۆپ يازغۇچىنى تۇتقۇن قىلغان ياكى تۈرمىگە سولىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا يازغۇچىلارنى ناھەق تۇتقۇن قىلىش ۋە تۈرمىگە قاماش جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى شۇنداقلا خىتاينىڭ يازغۇچىلارنىڭ «ئەڭ قەبىھ كۈشەندىسى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، 2019-يىلى خىتايدا ئاز دېگەندە 73 نەپەر يازغۇچى ۋە زىيالىي ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيىتى ۋە پىكرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 40 پىرسەنتىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغانلار تەشكىل قىلىدىكەن.
دوكلاتتا 2019-يىلى خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان يازغۇچى ۋە زىيالىيلارنىڭ 31 نەپەر، خوڭكوڭ، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردا تۇتقۇنقىلىنغانلارنىڭ 10 نەپەر ئىكەنلىكى، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان، تۈرمىگە قامالغان يازغۇچى ۋە زىيالىيلارنىڭ 32 نەپەر ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇسى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئاران 1. 5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسىمۇ، لېكىن 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر خىتايدىكى ئومۇمىي تۇتقۇنلار نىسبىتىنىڭ 21 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. ھالبۇكى، كېيىنكى 2 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش تېخىمۇ كۆپەيگەن.
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ خەۋپ ئاستىدىكى پىكىر ئەركىنلىكى ئىشلىرى دىرېكتورى كېرىن دوچ كارلېكارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ كۆپىيىشى خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلىغان چوڭ تۇتقۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ 20-ماي كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭ ناھايىتى ئېنىق باغلىنىشى بار. دېمەكچى بولغىنىم خىتايدا ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق دېلولار بۇرۇندىنلا بولغان. لېكىن بۇ جەھەتتىكى رەقەم كېيىنكى 2 يىلدا شىددەت بىلەن كۆپەيدى. خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا ئۇيغۇر رايونىدا تېخىمۇ كۆپ يازغۇچى تۇتقۇن قىلىندى. بۇ رايوندىكى باستۇرۇش ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، بۇ خىتاينى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئىگە قىلدى.»
كېرىن دوچ كارلېكار خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ باستۇرۇلۇشىغا چېتىشلىق ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مىللىي قەدرىيىتى ۋە كىملىكىگە ئائىت ھەرقانداق نەرسىنى باستۇرۇش، چەكلەش ۋە يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر يازغان ياكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە گەپ قىلغان ۋە ياكى تارىخ سۆزلىگەن ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنى قاماۋاتىدۇ. قىسقىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىنىڭ چەكلىنىشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىقتۇر.»
دوكلاتتا خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان تۇنجى باسقۇچتىكى باستۇرۇشىدا غايىب بولغان نۇرغۇن ئاتاقلىق يازغۇچى، تارىخچى، نەشرىياتچى ۋە شائىرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تارىخچى ۋە نەشرىياتچى ئىمىنجان سەيدىن، شائىر چىمەڭۈل ئاۋۇتتەك شەخسلەرنىڭ بارلىقى تەكىتلەنگەن. مەركىزى لوندوندىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ سېكرېتارى ئەزىز ئەيسانىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلىرىغا زەربە بېرىشى ئۇنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. ئۇ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر تەپەككۇر ھاياتىدا زور بوشلۇق پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەزىزى ئەيسانىڭ پەرەز قىلىشىچە، رايوندىكى ھەر قايسى يېزا، ناھىيەلەردىكى يەرلىك قەلەمكەشلەرنى ھېسابلىغاندا غايىب بولغانلار ۋە تۇتقۇنلار 3000 نەپەرگە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەزىز ئەيسا بۇ سۆزلەرنى 20-ماي كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېگەن.
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ مۇخبىرلارنى چەكلەپ ئۇچۇرنى كونترول قىلىشى سەۋەبلىك بەزى دۆلەتلەر بدت نىڭشەرقىي تۈركىستاندا ھەقىقىي مەنىدىكى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يول قويمىغانلىقى، بۇنىڭ «شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنى قىيىنلاشتۇرغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
كېرىن دوچ كارلېكار خانىم تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ سانى 32 دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىدە شۈبھە يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزگە شۇ نەرسە ئېنىقكى، شىنجاڭدىكى سان خاتىرىلەنگەندىن كۆپ يۇقىرى. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئەھۋال تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى ئۇ يەردە بېسىم بەك ئېغىر، بەكمۇ قورقۇنچلۇق. كۈچلۈك ئەندىشە بولغانلىقى ئۈچۈن يېتەرلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىش مۈشكۈل. شۇڭا بىز شىنجاڭدا تۇتقۇن قىلىنغان سان بەك كۆپ بولۇشى كېرەك، دەپ ئويلايمىز.»
بۇ ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىم «ئەركىنلىك ئۈچۈن يېزىش ئىندېكسى» نامىدىكى بۇ خىل يىللىق دوكلاتنى ئېلان قىلىشىدۇر. ئۇنىڭدا 34 دۆلەتتىكى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، 2019-يىلى دۇنيا مىقياسىدا 238 نەپەر يازغۇچى ۋە زىيالىي ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيىتى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستان 2-ئورۇننى، تۈركىيە 3-ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، تۇتقۇندىكى يازغۇچىلارنىڭ 60 پىرسەنتى خىتاي، سۇئەدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيەدە ئىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى