ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى گۈلچېھرە خوجا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى مۇھىم خەۋەرلىرى بىلەن «خەلقئارا ئاياللار ئاخبارات فوندى» تەسىس قىلغان «ئاخباراتچىلىقتىكى جاسارەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.
تەسىس قىلىنغانلىقىغا 30 يىل بولغان بۇ مۇكاپات چەكلەنگەن تېمىلارنى خەۋەر قىلغان، ئاياللارغا ئىنتايىن قىيىن بولغان مۇھىتلاردا خىزمەت قىلىدىغان ۋە ئاشكارىلاش قىيىن بولغان ھەقىقەتلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا رول ئوينىغان ژۇرنالىستلارغا بېرىلىدىكەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ باشلىقى بېي فاڭ مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا: «مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇنەۋۋەر ئاخبارات خەۋەرلىرى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ھەققىدە دۇنيانى ئەڭ بالدۇر ئاگاھلاندۇردى. ئۇلار بۇ ھېكايىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئالدى. گۈلچېھرە ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىغا ۋە دۇنياغا بۇ ھالقىلىق خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈش يولىدا ئۈزلۈكسىز ھالدا تەھدىت ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. بۇ ھەقىقەتەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك بىر نەتىجە،» دېدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئۆزىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇنىڭ ئادالەت ۋە ھەقىقەتنى ئىزدەش يولىدىكى كۈرەشكۈچىلەرگە ئىلھام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى شەرقىي تۈركىستاندا ئاز دېگەندە 2 مىليون ئەتراپىدا كىشىنىڭ لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەڭ دەسلەپ بايقىغان ۋە بۇنى دۇنياغا تۇنجى بولۇپ ئاشكارىلىغان تاراتقۇ ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى گۈلچېھرە خوجا قاتارلىق 6 نەپەر ئۇيغۇر مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى لاگېرغا قامىغان ئىدى. بۇ 6 مۇخبىرىمىز لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ زور ئىنكاس قوزغىغان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىغا يېقىن جايدا كۆپلەپ جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىنىڭ ياسىلىشى، ئايال مەھبۇسلارنىڭ تۇغماس قىلىنىشى ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشى ھەم شۇنداقلا ئاتا-ئانىسى تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە كۆپ قېتىم مۇھىم خەۋەرلەرنى ئىشلىگەن ئىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى بارلىق خىزمەتداشلار گۈلچېھرەنىڭ ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن سۆيۈنىدۇ ۋە ئۇنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى