ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان 64 ياشلىق مەھدى ئۆمەر ئەپەندى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى توغرىلىق گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2020-يىلى ماي.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مىڭلارچە ئۇيغۇر 2017-يىلىدىن بۇيان ۋەتىنىدە قەپ قالغان ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقتىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق دۇنياغا نىدا قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا. ئۇلار «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم قەيەردە؟» دېگەندەك تۈرلۈك نىدا ۋە چوقانلارنى كۆتۇرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىگە سوئال قويماقتا.
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان 64 ياشلىق مەھدى ئۆمەر ئەنە شۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ 2016-يىلىدىن بۇيان ئۆزىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى ئېگىزيەر يېزىسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىگە خىتاب قىلىپ: «مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ۋە باللىرىم زادى قەيەردە؟» دەپ خىتاي دائىرىلىرىگە سوئال قويدى. ئۇ يەنە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۆزىگە ئوخشاش ئائىلە پاجىئەلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلدى.
مەھدى ئۆمەر ئەپەندى ئۆزىنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان 78 ياشلىق چوڭ ئاكىسى غوجى باۋۇدۇن، 74 ياشتىكى كىچىكى ئاكىسى ئاللابەردى، ئايالى تۇئايىمخان، قىزلىرى ئاتىكەمخان، توختىگۈل ۋە ئۇلۇغخان، ئوغۇللىرى ئىسمائىل ۋە سادىر شۇنداقلا ئىككى كۈيئوغلى قاتارلىق پۈتكۈل ئائىلە ئەزالىرىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلارغا سولانغانلىقى ياكى يوق قىلىۋېتىلگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھدى ئۆمەر ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى پۈتكۈل جىنايەتلىرىدىن ھامان بىر كۈنى ھېساب بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «1996-يىلى خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن يۇرتۇمنى تاشلاپ باشقا دۆلەتكە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. دەسلەپتە قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندا تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندىم. ئائىلەم بىلەن 2016-يىلىغىچە تېلېفوندا كۆرۈشۈپ تۇراتتىم. 2016-يىلى قىزىم بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتىم، ئەمما قىزىم: ‹ماڭا بۇنىڭدىن كېيىن تېلېفون قىلماڭ› دەپ ئۆتۈندى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ بېسىمغا ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بىر قانچە قېتىم تېلېفون ئۇرغان بولساممۇ، ئەمما ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ ۋە تۇغقانلىرىمنىڭ تېلېفونلىرى بىلەن ئۇلىشالمىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئالاقە قىلالمىدىم. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ئائىلىلەرنىڭ ‹تەربىيەلەش› ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن مەن ئائىلە ئەزالىرىم ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن.»
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر يالغۇز مەن ئەمەس، پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقى ناھايىتى پاجىئەلىك بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. بىز دۇنيا تارىخىدا بولۇپ باقمىغان قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلدۇق. چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ھەتتا تېلېفوندا بولسىمۇ كۆرۈشەلمەيۋاتىدۇ. خىتاي نەچچە مىليون ئۇيغۇر خەلقىنى تۈرمىلەرگە ۋە جازا لاگېرلىرىغا تاشلاپ قىيناۋاتىدۇ، بىز ھېچ بىر شەكىلدە ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلالمايمىز. مەن پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا، خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقىرىق قىلىمەن!»

مەنبە؛ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى