«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى بىڭتۇەن سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك تېرىلغۇ ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن 300 مىليون سوم ئاجرىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى دېگەندە يەر تۈزۈلۈشى تەكشى بولۇش، سۇغىرىش ۋە باشقا ئەسلىھەلىرى زامانىۋىلاشقان بولۇش، تۇپراقنىڭ مۇنبەتلىكى ياخشى بولۇش، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولۇش دېگەندەك بىر قاتار شەرتلەرنى ھازىرلىغان تېرىلغۇ يەرلەر كۆزدە تۇتۇلىدىكەن.
ئۆتكەن بەش يىل مابەينىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىڭتۇەن سىستېمىسىغا مىلياردلىغان مىقداردا غايەت زور مەبلەغ سېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سېلىنما ئەنە شۇلارنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.
ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «بىڭتۇەننىڭ ھوقۇقىنى ۋە تەسىرىنى زورايتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇزىنى چەكلەش» تەدبىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.