ئامېرىكالىق مىلياردېر بىل بروۋدېر ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. 2018-يىلى 20-نويابىر، لوندون.

ئامېرىكالىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى، ئاتاقلىق كىنو چولپىنى جورجى كلونېينىڭ ئايالى ئامال كلونېي، ئامېرىكالىق مىلياردېر بىل بروۋدېر، رۇسىيە ئۆكتىچى سىياسىيونى ۋىلادىمىر كارا-مۇرزا قاتارلىقلار ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىغا ۋىدېئو ئارقىلىق قاتنىشىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى «ماگنىتسكىي قانۇنى» نى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغانىدى.

بولۇپمۇ ئامال كلونېينىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا ۋىدېيو ئارقىلىق بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىدە ئاۋسترالىيەنىڭ قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا قاتنىشىۋاتقان شىركەت ۋە شەخسلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئالاھىدە ئىنكاس قوزغىغانىدى. ئۇ سۆزىدە «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق بارلىق شىركەتلەرنى نىشانغا ئېلىشى، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى بىر يېرىم مىليوندەك ئۇيغۇر قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە ئۆزىنىڭ ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى ماقۇللاپ، كىشىلىك ھوقۇق كۈشەندىلىرىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

ماگنىتسكي قانۇنى رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنى باج ئالدامچىلىقى بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن موسكۋا تۈرمىسىدە قازا قىلغان ئادۋوكات سېرگېي ماگنىتسكىينىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادا بۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرماقتا.

كلونېي خانىم شۇ كۈنى ئامېرىكادىن سىن ئۇلىنىشى ئارقىلىق ئاۋسترالىيە پارلامېنت كومىتېتىغا: «مېنىڭچە ئاۋسترالىيەنىڭ ماگنىتسكي كۇلۇبىغا قوشۇلىدىغان ۋاقتى كەلدى» دېگەن.

ئۇ نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىشىنى توسىدىغان يېتەرلىك چەكلەش تەدبىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ؛ «چىقىرىلغۇسى قانۇندا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق شىركەت ۋە شەخسلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشىغا يول قويۇلسا، بۇنىڭ ئىجابىي رولى بولىدۇ» دېگەن. ئاۋسترالىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ئاخباراتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكادىن ئۈلگە ئېلىپ، شۇنىڭكىگە ئوخشاش بىر قانۇن چىقىرىش ھەققىدە پىكىر ئېلىشنى باشلىۋەتكەن.

ئامال كلونېي مۇنداق دېدى: «ئاۋسترالىيە خەلقئارا جىنايەتچىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەيدىغان قانۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۇنياۋى داھىيسى بولالايدۇ».

ئاۋسترالىيە «ساما خەۋەرلىرى» يەنى «سكي نەۋس» نىڭ 18-ماي تارقاتقان خەۋىرىدە ئەركىن قوللىغۇچى كېۋىن ئاندرېۋس «ئاۋسترالىيە ماگنىتسكىي ئۇسلۇبىدىكى ھەرىكەتنى قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشكەن پايدىسىنى ئاۋسترالىيە ئىچىدە ئۆتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن»، دېگەن.

ئەمەلىيەتتە، ئاۋسترالىيەدە بۇ قانۇن 2018-يىلى رەسمىي تۈردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ تونۇشتۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ماگنىتسكي قانۇنىنىڭ تەشەببۇسچىسى مىلياردېر بىل براۋدېر بۇ قېتىمقى پارلامېنت يىغىنىدا مەزكۇر قانۇننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئامال كلونېينىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان كىشى ھېسابلىنىدۇ.

«ساما خەۋەرلىرى» گە قارىغاندا بۇ قانۇن ئارقىلىق جىنايەتچىلەرنىڭ ئاۋسترالىيە ئىچىدە پۇل خەجلىشىنى توسقىلى بولىدىكەن. ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككى پارتىيەدىن تەركىب تاپقان تاشقى ئىشلار كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا قارىتا مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ساياھەت چەكلىمىسى يۈرگۈزۈش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئويلاشماقتا. ئاۋسترالىيە «يەرشارى ماگنىتسكىي قانۇنى» ئارقىلىق ئىراق ۋە ئۇگاندا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 94 كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىسىغا جازا يۈرگۈزگەن ئامېرىكاغا ئەگىشىدىكەن.

ھوللېۋود كىنو چولپىنى جورج كلونېينىڭ ئايالى، ئاتاقلىق قانۇنشۇناس ۋە ئادۋوكات كلونېي خانىم، قاتىللىق، قىيناش، جىنسىي زوراۋانلىق، چىرىكلىك، يالغان ئەيىبلەش بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش، تاراتقۇلارنى جىمىقتۇرۇش، شۇنداقلا ئىرق، دىنىي سەۋەبلەردىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىش قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرز قىلىش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغۇچىلارغا قارىتا ماگنىتسكي قانۇنى ئارقىلىق جازا قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى