جامائەت ئەربابى ئىلشات ئىلياس ئەپەندى (ئوتتۇرىدا) تۇتقۇندىكى تونۇلغان بىناكار رەخمىتاي ھاجىم (سولدا) ۋە ناخشىچى ئابلاجان بىلەن بىللە. 2016-يىلى.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە جامائەت ئەربابى ئىلشات ئىلياس ئەپەندىنىڭ 2017-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە كېيىنچە ئۇزۇن يىللىق قاماققا كېسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىلشات ئىلياس (ما تيەنباۋ) 1972-يىلى ئىلى ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيەسىدە ئوقۇمۇشلۇق زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئىلشات ئەپەندىنىڭ دادىسى ئىلياس ئەپەندى نىلقادا بىر ئۆمۈر مائارىپ سېپىدا خىزمەت قىلغان ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن تۇڭگان زىيالىيسى، ئاپىسى شەكۇرە خانىم بولسا دوختۇر ئىكەن. ئىلشات ئىلياس ئەپەندىمنىڭ ئىككى قىزى بولۇپ، چوڭ قىزى بېيجىڭدا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىكەن. ئىلشات ئىلياس ئەپەندىمنىڭ دادىسى غۇلجادىكى ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن تۇڭگانلاردىن بولۇپ، ئىلشات ئەپەندىم ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرىدە قويۇق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئائىلە مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئىلشات ئىلياس ئەپەندىمنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلشات ئەپەندىم ھەمىشە ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇرۇپ كەلگەن.

ئىلشات ئىلياس 1993-يىلى شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، ئىلى ئوبلاستلىق ئېلېكتر ئىدارىسىدە ئىشقا چۈشكەن. «5-فېۋرال غۇلجا» ۋەقەسىدىن كىيىن ئىلشات ئىلياس ئىدارىسىدىكى خىتاي باشلىقلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئىشتىن ئىستېپا بەرگەن. ئىلشات ئىلياس 2005-يىلى ئوقۇش ۋە تىجارەت قىلىش ئۈچۈن مىسىرغا بارغان. بىر نەچچە يىل ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن، كىيىن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن. 2009-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە مىسىردا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 2014-يىلى ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەن. مىسىردا ئىلشات ئىلياس بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغان دوستى ئەخمەتجان ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلشات ئىلياسنىڭ مىسىردىكى ئوقۇش ۋە تىجارەت ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان.

ئىگىلىشىمىزچە، ئىلشات ئىلياس ئەپەندى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى نامۇۋاپىق دىنىي كۆز قاراشلارنىڭ ۋە رادىكال چۈشەنچىلەرنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ۋە ئىقتىسادىي يۈكسىلىش بىلەن روناق تاپىدىغانلىقىغا ئائىت چۈشەنچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يۇقىرى قاتلام زىيالىي ۋە بايلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىكەن. يازمىلىرى ۋە لېكسىيەلىرى بىلەن ئىلشات ئىلياس ئەپەندىنىڭ ئېتىبارى كۈنسېرى ئاشقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇزلۇق جامائەت ئەربابلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىكەن. ئىلشات ئىلياس ئەپەندى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر بايلىرىنى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن بولسا، بىر تەرەپتىن نوپۇزلۇق ئۇيغۇر كارخانىلىرىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىنى قىلغان.

ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تاھىر ئىمىن ئىلشات ئىلياس ئەپەندىنىڭ مەرىپەتچىلىك ۋە دىنىي ئىسلاھات ئىدىيەسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئىلشات ھاجىمنى تەتقىقاتچى ۋە دىنىي ئالىم دېيىشتىن باشقا ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئىلشات ھاجىم دىننىڭ تارىختىكى ئىجرائاتلىرى ۋە شەخسىي ئىبادەتلەردىن باشقا، رېئال تۇرمۇش بىلەن مۇناسىۋىتى، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىكى ئالاقە، ئىنسان بىلەن ئىلاھ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئىنساننىڭ ئۆزىنى تونۇشىدىكى مەسىلىلەر ۋە دىن ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە كۆپ ئىزدەنگەن. ئىلشات ئىلياس ئەپەندى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى زىيالىيلار، سەنئەتكارلار ۋە كارخانىچىلارنىڭ ئىدىيەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.»

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەمىنلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تەسىرى كۈچلۈك شەخسلەرنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى بىلەن 2017-يىلى 5-ئايدا ئىلشات ئىلياس ئەپەندى ئۈرۈمچىدىكى خىتاي دۆلەت ئامانلىق ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىزلا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ مىسىردا ئوقۇغان چېغىدا تونۇشقان قاغىلىقلىق شەمسىدىن دېگەن كىشىنىڭ دېلوسىغا چېتىلىپ تۇتۇلغانلىقى ۋە كۆپ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىلشات ئىلياس ئەپەندىنىڭ 2012-يىلى مىسىردا تونۇشقان يېقىنى سالاھىدىن سەيىدئەخمەت ئەپەندى ئىلشات ئىلياسنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرلىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ۋەتەندىن ئالغان ئۇچۇرلاردىن ئىگىلىشىمچە، ئىلشات ئىلياس مىسىردا تونۇشقان قاغىلىقلىق شەمسىدىن دېگەن كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن تەڭ 2017-يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق تارماقلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان. ئۇ ‹يېرىم كۈندە تۈگەيدىغان ئىش بار› دەپ چاقىرتىلغان بولسىمۇ، ئەمما قاغىلىقتىكى شەمسىدىننىڭ دېلوسىغا چېتىلىپ، كەينىدىن قاغىلىققا ئېلىپ كېتىلگەن. كېيىن كۆپ يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالدۇق.»

ئىلشات ئىلياس ئەپەندىنىڭ ھازىر غەربتىكى مەلۇم دۆلەتتە ياشايدىغان يەنە بىر يېقىن دوستى ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ، ئىلشات ھاجىمنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھازىر قاغىلىقتىكى تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ھەمدە جازا مۇددىتىنىڭ ئۇزۇن كېسىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، ئىلشات ھاجىمغا ئوخشاش مەرىپەتپەرۋەرلىكنى، ئىقتىسادىي يۈكسىلىشنى تەشۋىق قىلغان، رادىكاللىققا ۋە خۇراپاتلىققا قارشى تۇرغان دىنى زىيالىيلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش ئىرادىسىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدىكەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى