«ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بىل گېرتس 16-ماي كۈنى «ئامېرىكا ساداسى خەۋەرلىرى» ناملىق كونسېرۋاتىپ تاراتقۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بىيولوگىيەلىك قوراللارنى تەجرىبە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىلل گېرتسنىڭ تەكىتلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى خىتاينىڭ مەزكۇر پروگراممىسىغا ئالاقىدار ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار زاتلار ئۇنىڭغا «خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش مەلۇم بىر ئېتنىك توپنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بىيولوگىيەلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىغا ئائىت ئېنىق يېڭى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى بارلىقى» نى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭ ئالدىدا بىلل گېرتس بۇ خەۋەرنى 14-ماي كۈنى «ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان. ئۇ خەۋەردە بۇ ئۇچۇرنى ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ تەمىنلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ «بىز خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان يوشۇرۇن بىيولوگىيەلىك قوراللار تەجرىبىسىگە دىققەت قىلىۋاتىمىز» دېگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. «ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرى ھازىرغا قەدەر تېخى تەرەپسىز مەنبەئەلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىيولوگىيەلىك قوراللارنى تەجرىبە قىلغانلىقىغا دائىر گۇمانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئەمەس ئىكەن.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىيوخىمىيەلىك قوراللار مۇتەخەسسىسى كېن ئالىبەكنىڭ 1990-يىللاردا ئېلان قىلغان «بىئو ئاپەت» ناملىق كىتابىدا تەكىتلىشىچە، 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كورلادىكى بىر بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسىدىن مېنىڭگىت ۋىرۇسى چىقىپ كېتىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.
بىل گېرتسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى ئېلان قىلغان قورال-ياراقلارنى چەكلەش توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ يوشۇرۇن بىيولوگىيەلىك قوراللار تەرەققىيات پروگراممىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن ئىكەن.
مەنبە : ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى