ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك تور بېكىتى 18-ماي كۈنى خەۋەر بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكى، ئۇلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەندۇڭدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇلارنىڭ مەكتىپىدىكى بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ رامزان ئېيىدا چوقۇم تاماق يېيىشى كېرەكلىكى، ئۇلارنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە چوقۇم چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكى، روزا تۇتۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەپ، ھەر يىلى رامزاندا ئۇيغۇرلارنى ئەتىگەنلىك ناشتىلىققا ياكى چۈشلۈك تاماققا ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن. تاماق يېيىشنى رەت قىلغانلارنى «ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى» بار، دېگەن سەۋەب بىلەن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ياكى قاماققا ھۆكۈم قىلغان. يېقىندا ئەكىن ئاسىيا رادى.وسى مۇخبىرلىرى بۇ يىللىق رامزان ئېيىدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوشنا-قۇلۇملىرىنىڭ روزا تۇتقان-تۇتمىغانلىقىنى نازارەت قىلىشقا سالغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.
«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە شەندۇڭدىكى ئۇيغۇرلار ئوقۇۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان.
لېكىن، خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەندۇڭدىكى يۇقىرىقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقى بايقىلىپ قالسا، جازالىنىدىغانلىقى ياكى شىنجاڭغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئوقۇتقۇچى بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، «بۇنداق قىلىشتىكى مۇددىئا ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇش، مانا بۇ مائارىپ تەربىيەسىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى» دېگەن.
كورلا شەھىرىدىن كەلگەن بىر ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ « زىمىستان» تورى مۇخبىرلىرىغا دېيىشىچە، 2028- يىلى نويابىردا ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ رەھبىرى بۇ ئورگاننىڭ ئاشخانىسىدىكى تاماق تىىزىملىكىگە چوشقا گۆشىنى ئاساس قىلغان يېمەكلىكلەرگە ئۆزگەرتىشنى بۇيرۇق قىلغان. بۇ ئاشخانىنىڭ ئۇيغۇر ئاشپىزى چوشقا گۆشىنى پۇشۇرۇشتىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلاپ كەتكەن. ئەمما خىزمەتدىشى ئۇنى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرسە ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يىغلىماسلىققا دەۋەت قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلىپ ئىجرا قىلماقتىن باشقا ئامالى قالمىغان. بۇ خىل ئازابتىن ھەتتا پارتىيە ئەزالىرىمۇ نېسۋىسىنى ئالغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئىلى قازاقىستان ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن ئىككى ئاي تەربىيىلەش تەشكىللىگەن ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىمۇخىتايلارغا ئوخشاش تاماق يېيىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلارنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن ھالال ئاشخانىلاردىن تاماق يېيىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان.بۇنى رەت قىلغان بىر قانچە ئۇيغۇرلار يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ تەنقىتلىنىپ تەھدىت سېلىنغان. ئۇلارنىڭ ھالال بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن باشقا ئامالى بولمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇرلارنى چوشقا بېقىشقا مەجبۇرلىغان. خوتەندىكى بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، 2018- يىلنىڭ ئاخىرىدا، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ھەر بىر يېزىغا چوشقا بېقىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. چوشقىلارنى قانداق بېقىشنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلارنى تەربىيلەش سىنىپىغا ئەۋەتىپ تەربىيلىگەن.
2019-يىلى ، خىتاي مۆچەللىرى بويىچە چوشقا يىلى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىگە « چوشقا يىلىغا مۇبارەك بولسۇن، چوشقا يىلىدا بايلىق تېپىڭ» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان قەغەزلەرنى مەجبۇرىي چاپلاتقۇزغان. بۇ قەغەزنىڭ چاپلىنىشى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى ئېلىۋەتسە جازا لاگىرىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىنغاچقا ، ھېچكىم ئۇنى ئېلىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالمىغان.
مەنبە: زىمىستان تورى