خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 5G تور قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مەزكۇر رايوندا يەنە 4379 جايغا 5G ئۇل ئەسلىھە پونكىتى قۇرۇشنى قارار قىلغان. «تەڭرى تاغ» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ پىلانى 5G تور قۇرۇلۇشىنى كېلەر يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر رايوندىكى بارلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەردە ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا 5G تور قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرسا، ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش، ئۇلارنىڭ پىكرى ۋە ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىنى كۆزىتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كىشىلەردە ھېچقانداق شەخسى مەخپىيەتلىك قالماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنى خىتاينىڭ 3 تېلېگراف ئۇل ئەسلىھەلەر كارخانىسى ئۈستىگە ئالىدىكەن. خەۋەردە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر رايون مىقياسىدا 4897 ئورۇنغا 5G ئۇل ئەسلىھە پونكىتى قۇرۇلىدىغانلىقى، 5G تور قۇرۇلۇشىنىڭ «شىنجاڭ جەمئىيىتىدە زور ئۆزگىرىش ياسايدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ قۇرۇلۇش رايوندا «تۇرمۇشنىڭ ئەقلىيلىشىشى، ئىگىلىكنىڭ رەقەملىشىشى، باشقۇرۇشنىڭ ئىنچىكىلىشىشى» نى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
لېكىن خىتاينىڭ مەزكۇر تور قۇرۇلۇشى بىخەتەرلىك تۈپەيلى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ 5G تېخنىكىسىنى چەكلىگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدەك بىر ئىستىبدات ئەلنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى 5G ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يول قويۇلسا، بۇ ئۇنىڭ ئۇچۇرنى كونترول قىلىپ، بۇ ئەللەرنىڭ بىخەتەرلىكى، پۇقرالىرىنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكىگە زور تەھدىت پەيدا قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىشەرقىي تۈركىستاندا چوڭ تۇتقۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار كوپ سانلىقتىكى ۋىلايەت-ئوبلاستلارنىڭ تور ئېقىمى سۈرئىتىنى 2گ غا چۈشۈرۈپ قويغانىدى.