Doğan Erdoğan with wife and children in happier times

دوغان ئەردوغان ئىسىملىك بىر تۈرك پۇقراسى بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئايالى ۋە كىچىك قىىزىنى كۆرەلمەيدىغانلىقى، قېيىنئاتىسىنىڭ  قىزىنى چەتئەللىك بىلەن توي قىلىشىغا يول قويغانلىق « جىنايىتى » سەۋەپلىك قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

دېموكراتىك دۆلەتلەردە نۇرغۇن كىشلەر ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ۋە مەنپەئەتىگە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ ، خىتايدىكى دەپسەندە بولىۋاتقان كىشلىك ھۇقۇق مەسلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. دوغان ئەردوغاننىڭ ئائىلسىگە ئوخشاش پاجىئەلىك كەچۈرمىشلەرنىڭ بۇ پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتىشتە مۇھىم رول ئوينىشىدا يەنىلا ئۈمىد بار. ئەگەر ھاياتىمىزدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئەلەرگە يولۇقساق، بىز نېمە قىلاتتۇق؟

تۈركىيە پۇقراسى ئەردوغان ئەپەندى 2013 – يىلى ئۈرۈمچىگە كىلىپ  بىر مەزگىل  ئىشلىگەندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەن. 2016- يىلى قايتا يېنىپ كېلىپ غۇلجىدا كەسىپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغاچ ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئۇيغۇر ئايال بىلەن توي قىلغان. ئەمما ۋىزا مەسلىسى تۈپەيلى، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن. ئەردوغان ئائىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ياشاش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزىنى ئۇزارتىپ بەرمەسلىك سەۋەبلىرى تۈپەيلى تۈركىيەگە پات- پات بېرىپ كىلىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. نۇرغۇن دۆلەتلەردە بىر كىشى چەتئەل پۇقراسى بىلەن توي قىلسا ، گەرچە ئۇ كىشى شۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولمىسىمۇ،  ئەمما بۇ  ئائىلىنىڭ جەم بولۇپ شۇ دۆلەتتە بىرگە ياشىشىغا يول قويۇشى كېرەك ھەم نۇرغۇن دۆلەتلەردە مۇشۇ تۈزۈم يولغا قويۇلغان. ئەمما خىتايغا نىسبەتەن،  بولۇپمۇ رەسمىي ئاپتونومىيىلىك رايونلارغا بۇ قائىدە – تۈزۈملەرتېخىمۇ كار قىلمايدۇ.

ئەردوغان ھەر 3 ياكى 6 ئايدا بىر قېتىم قەرەللىك ھالدا تۈركىيەگە بېرىشقا مەجبۇر بولغان، ئەمما يېقىنقى نەچچە يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى چىڭىيىپ،  ۋىزىسىنى يېڭىلىيالمىغانلىقتىن ،  ئايالى ۋە قىزى بىلەن جەم بولۇپ ياشاشقا مۇمكىن بولمىغان،  قىزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشتىنمۇ مەھرۇم قالغان. قېيناتا ۋە قېيىن  سىڭلىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەن. ئۇنى قېيىن ئاتىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىىش سەۋەبى بەكمۇ گاڭگىرىتىپ قويغان. ئاتالمىش سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا ، بۇ دادا  قىزىنىڭ چەتئەللىك بىلەن توي قىلىشىغا يول قويغان. ئىككىنچى «جىنايىتى» بولسا – ئۇ شائىر بولۇپ ، بىر قېتىم ئۆزى يازغان شئېرنى ئاممىۋى سورۇندا ئوقۇغان. دوغاننىڭ قېيىن سىڭلىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن. شەرقىي تۈركىستاندا سىزنىڭ جىنايەتچى دەپ قارىلىشىڭىزغا ئائىلە ئەزالىرىڭىز ئارىسىدا چەتئەللىك بولسىلا كۇپايە.

دوغان ئەردوغان يېقىندا قازاقىستاندا تۇرۇپ ئايالى ۋە قىزى بىلەن ئالاقىلاشقان. گەرچە ئۇلار لاگىرغا ئېلىپ كېتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ بەخىتلىك بىر ئائىلە  ئايرىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. خىتاي كونسۇلخانىسى ئۇنىڭغا كېيىنمۇ قەتئىي ۋىزا بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئەردوغان ئەپەندى ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى قىلىپ ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دائىم ئۆزى ۋە ئائىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بىرىپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى مىللەتلەرنى دۇنيانىڭ مەدەنىيەت خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشىنى مەقسەت قىلىپ يولغا قويغان سىياسەتلىرى ،  ئۇنىڭ بەخىتلىك ئائىلە ھاياتىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەپ بولغان.

بىز شۇنداق چوڭ ئادالەتسىزلىككە شاھىت بولۇۋاتىمىزكى ، كەلگۈسىدىكى ھېچقانداق تارىخ كىتابى ئۇنى تەپسىلىي تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدۇ.

مەنبە: زىمىستان تورى