كانادالىقلار «شىنجاڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى» نى سېتىۋالماسلىققا چاقىرىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىشەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئاساسلىق ھالقىسى، دەپ قارىلىۋاتقان پاختا ئىشلەپچىقىرىشىغا قارىتا قوشۇمچە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، پاختا باھاسىنى قوغداشقا كىرىشكەن. تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نىشانلىق پاختا باھاسىنىڭ ھەر توننىسىنى 18 مىڭ 600 يۈەن، دەپ ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر پاختا باھاسىغا قارىتا ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم باھالاش ئېلىپ بارىدىكەن.

خىتاينىڭ بۇ قارارى شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا خەلقئارا ئېمبارگو كۈچىيىپ، نۇرغۇن خەلقئارا شىركەتلەر رايوندىكى خىتاي پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋاتقان مەزگىلدە چىقىرىلدى. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا خەلقئارا پاختىچىلىق تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا تاموژنا ئىدارىسى رايوندا ئىشلەنگەن بەزى پاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەنىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەرەققىيات رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان خىتاي پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا جىددىي خىرىس پەيدا قىلغان.

ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كارخانىلارنىڭ تاقىلىپ، پاختا باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئازىيىشىنى توشۇش ئۈچۈن باھاغا ئارىلاشقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاينىڭ 2017-باشلانغان چوڭ تۇتقۇنى بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن كارخانىلار شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكىلىپ چىققان.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ تەكىتلىشىچە، «بۇ سىياسەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىرىغا ‹يۈرەكنى تىنچلاندۇرۇش دورىسى› بەرگەن».

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى بولۇپ، ئۇ خىتاي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 84% نى تەشكىل قىلىدۇ.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى