خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى 15-ماي ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكا سىياسىيونلىرىغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى.
ماقالىدە تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا قارشى ئۆزىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنلىرى» نى ئىشقا سېلىشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن ماقالىدە كونكرېت قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو، مەنەندېز، جىم رىش، كورېي گاردنېر قاتارلىقلار ئاكتىپ رول ئوينىغان ئىدى.
كورېي گاردنېر 15-ماي ئېلان قىلغان باياناتىدا: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك قامىشى ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشى دەۋرىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ئەڭ چوڭ تراگېدىيە. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىشى ئىنسانىيەتكە قىلىنغان ھاقارەت. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ بۇ قەبىھ جىنايىتى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىشى كېرەك،» دېگەن. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 14-ماي كۈنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان ئىدى. قانۇن لايىھەسى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغارلارغا قارشى سادىر قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى جاۋاپكارلىققا تارتىش، ئۇنىڭغا ئەمىلىي، ھەقىقى ۋە كونكرېت بېسىم ئىشلىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كرىزىسقا خاتىمە بېرىشتىكى تىنچلىك خىتابنامىسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. لېكىن «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى «دۆلەت خەۋپسىزلىكى» ۋە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنلىرى» نى ئىشلىتىپ، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان شىركەت ۋە شەخسلەرنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئىسمى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى