تۈركىيەدە تونۇلغان ناخشىچى خالۇق لەۋەنت ئەپەندىگە تۈركىيەدىكى خىتايپەرەس بەزى كىشىلەر تۋىتتېر ئارقىلىق ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستان دەپ بىر يەر يوق، شىنجاڭ بار» دەپ ئىنكاس يازغان. خالۇق لەۋەنت ئەپەندى بۇ تۋىتتېر ئۇچۇرىغا: «بەزى كىشىلەر مېنى خىتايغا بېرىپ، ئۇ يەردە زۇلۇمنىڭ بار-يوقلۇقىنى نەق جايىدا كۆرۈپ كەل، دەپتۇ. بولىدۇ، مەن باراي، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى 25 ئائىلە ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشىمگە رۇخسەت قىلسا، مەن چوقۇم بارىمەن!» دەپ جاۋاب يازغان.
خالۇق لەۋەنت ئەپەندى تۈركىيەدە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يوقسۇل كىشىلەرگە ياردەم قىلىش مەقسىتى بىلەن «ئاھباب»، يەنى «دوست» نامىدا جەمئىيەت قۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىنىڭ كۆپىدە شۆبىلىرىنى ئېچىپ، نامرات ئائىلەلەرگە ياردەم قىلىپ كەلگەن. ئۇ 2 يىلدىن بۇيان تۈركىيەگە يېڭى كۆچۈپ كەلگەن شۇنداقلا ماددىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئائىلىلەرگىمۇ ياردەم قىلغان. ئۇ 9-ماي كۈنى بۇ ھەقتە تۋىتتېرغا: «شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇۋاتىمىز،» دېگەن ئۇچۇرنى يېزىپ تارقاتقاندىن كېيىن، خىتايپەرەسلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، ئارقىمىزغا چېكىنمەيمىز،» دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ تارقاتقان.
داڭلىق ناخشىچى خالۇق لەۋەنت ئەپەندىنىڭ بۇ تۋىتتېر ئۇچۇرلىرىغا تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، تور گېزىتلىرىمۇ ئورۇن بەرگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرى بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن خالۇق لەۋەنت ئەپەندىگە تېلېفون قىلغىنىدا ئۇنىڭ كاتىپى مۈگە خانىم تېلېفوننى ئېلىپ، مۇنداق دېگەن: «مەن تەلىپىڭلارنى خالۇق لەۋەنت ئەپەندىگە يەتكۈزۈپ قوياي. تېلېفون نومىرىڭىزنىمۇ بېرىپ قوياي، ئەگەر ئۇ ۋاقىت چىقىرالىسا سىزگە تېلېفون قىلسۇن، بولامدۇ؟» دېدى.
ناخشىچى خالۇق لەۋەنت ئەپەندىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە، بۇ نېمىنىڭ بېشارىتى؟ ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ناخشىچى خالۇق لەۋەنت ئەپەندى ئادالەت تۇيغۇسىغا ئىگە كىشى بولغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياردەمگە موھتاج ئۇيغۇرلارغا خەيرخاھلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خالۇق لەۋەنت ئەپەندىدەك جەمئىيەتتە تونۇلغان شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىنىڭ بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشتە شۇنداقلا تۈركىيەدىكى سىياسەتچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشتە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى تۈركىيەدىكى تونۇلغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە تۈركىيەدە تونۇلغان 3 نەپەر سەنئەتچى ۋە 1 پۇتبولچى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پىكىر بايان قىلىپ، ئاۋامنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن تونۇلغان ناخشىچى خالۇق لەۋەنت ئەپەندى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى جەمئىيەتتىكى تونۇلغان شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىنىڭ ئۈنۈمى زور بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەسىلىلىرىنى بۇنداق كىشىلەرگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇندىن 25 يىل بۇرۇن تۈركىيەنىڭ تونۇلغان ناخشىچىسى بارىش مانچو ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇ 1999-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى تونۇلغان سەنئەتكارلار ئىچىدە ئۇزۇن يىللارغىچە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلار بولمىغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامىدخان گۆكتۈرك ئەپەندى مەشھۇر ناخشىچى خالۇق لەۋەنتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ئاۋام ئارىسىدا زور ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
خالۇق لەۋەنت ئەپەندى ئۆتكەن يىلى خوڭكوڭلۇقلار ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش قىلغاندىن كېيىن تۋىتتېرىدە: «خوڭكوڭلۇقلار ئۇ يەردە نامايىش قىلىۋاتقاندا مەن بۇ يەردە ‹شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن سىن كۆرۈنۈشلىرى ئۇ يەردە زۇلۇمنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، › دەپ يازغان ئىدىم. بۇ تۋىتتېمگە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ئىنكاسلار كەلدى. بەزىلەر ‹تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇۋاتىسەن، › دېدى. بۇ يازغانلىرىم قانداقمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزسۇن؟ بۇ ھەقتە بىر ئېغىز گەپ قىلىش، ئۇ جايغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن كۆڭۈل بېرىش گۇناھمۇ؟ مەن راستىنلا چۈشىنەلمىدىم! ؟» دەپ يازغان ئىدى.
تونۇلغان ناخشىچى خالۇق لەۋەنت 1968-يىلى تۈركىيەنىڭ ئادانا ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1992-يىلىدىن تارتىپ سەنئەت ساھەسىدە داڭق قازىنىپ، 12 ناخشا پلاستىنكىسى ۋە 2 كىتابى نەشىر قىلىنغان. تۈركىيەدە مىڭ مەيداندىن ئارتۇق كونسېرت بەرگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى