«مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش گۇمانى» بىلەن 15 يىللىق كېسىلگەن ئۇيغۇر كارخانىچى ئەكبەر ئەسئەت.

2016-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىپ قايتىشىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن ئۇيغۇر كارخانىچى، نوپۇزلۇق ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ مەسىلىسى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش چاقىرىقلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 13-ماي كۈنى جىددىي چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، ئەكبەر ئەسئەتنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە شى جىنپىڭغا خەت يېزىش ھەرىكىتى باشلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى 2-ۋە 3-ئايلاردا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «خەلقئارا زىيارەتچى رەھبەرلەرنى تەربىيەلەش پروگراممىسى» غا قاتنىشىپ، قايتىشىدا قولغا ئېلىنغان ئەكبەر ئەسئەت، «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق كېسىلگەن. ئۇنىڭ ئامېرىكادا ياشايدىغان ھەدىسى رەيھان ئەسئەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىنىسىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى خېلى بۇرۇن ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېسىلگەنلىكىنى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا بىلگەن.

رەيھان ئەسئەت: «مەن بۇ ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى قەتئىي ئۇقماپتىمەن. 2017-يىلى لاگېرلارنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ ئاشۇ يەردىمىدۇ، خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن ئۇمۇ چىقار، دەپ ئويلىغانتىم. لېكىن بۇ ئۇزارغانسېرى مەن ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا (زىيارەت) پروگراممىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان شەرىي دول، دېگەن ئادەم بىلەن ئالاقىلەشسەم ئۇ ھەيران قېلىپ، دۆلەت مەجلىسىگە بارمىساق بولمايدۇ، دەپ دۆلەت مەجلىسىگە باردۇق. شۇلار ئارقىلىق 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئىنىمنى 15 يىللىق كېسىلىپتۇ، دەپ ئاڭلىدۇق».

رەيھان ئەسئەت يەنە ئىنىسىنىڭ 15 يىللىق كېسىلىشىنىڭ خىتاي قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەكبەر ئەسئەتنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ زىيارەتچى پروگراممىسىغا قاتنىشىشى ئۇنىڭ غايىب بولۇشى ۋە كېسىلىشىگە سەۋەب بولماسلىقى كېرەك ئىكەن.

بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى فرانسىسكو بېنكوزمە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ئىلگىرى كومپارتىيە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارا زىيارەتچى رەھبەرلەرنى تەربىيەلەش پروگراممىسىغا قاتنىشىشى ئۇنىڭ بىردىن-بىر خاتالىقى بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئۇنىڭ غايىب بولۇشى ۋە كېسىلىشىگە سەۋەب بولماسلىقى كېرەك». بېنكوزمەنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى كېرەك ئىكەن.

ئۇ 13-ماي ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ دېلو ۋە شۇنداقلا باشقا بارلىق دېلولار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىدە ئالدىنقى ئورۇننى ئېلىشى، بۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئاقساراينىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى تەرىپىدىن شى جىنپىڭنىڭ ئالدىغا قويۇلۇشى كېرەك. چۈنكى، ھېچكىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنماسلىقى كېرەك».

لېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار ئەكبەر ئەسئەتنىڭ مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئۇچۇرنى كونترول قىلىشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكىنى دەلىللىيەلمىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى 13-ماي كۈنى بىزنىڭ ئەكبەر ئەسئەت ھەققىدىكى سوئالغا بەرگەن يازما باياناتىدا: «بىز تۈرمىدىكى ئۇيغۇر مۇخبىرى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز. بىز ئۇنىڭ مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا قويدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمىز. ئەپسۇسكى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇچۇرنى كونترول قىلىشى سەۋەبلىك، بىز ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكىنى دەلىللىيەلمىدۇق. ئەمما بىز ئۇنىڭ مەسىلىسىنى قاچان ئوتتۇرىغا قويساق خىتايغا بۇ توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىمىز» دېيىلگەن.

لېكىن رەيھان خانىم 13-ماي زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنى بېسىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ: «مەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇكامنى ئۆزىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىگە، ھەتتا باش ئەلچىنى چاقىرتىپ، ئۇكامنىڭ مەسىلىسى توغرىلىق سۆزلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دېمەكچى بولغىنىم دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەيدانىغا قوشۇلۇپ، ئۇكامنى قۇتۇلدۇرۇش ئىشىنى تېز ھەل قىلمىساق بولمايدۇ»، دېگەن.

ئەكبەر ئەسئەتنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتكەن مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات نۇرىي تۈركەلنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەكبەر ئەسئەتنىڭ مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا، بۇ ئامېرىكانىڭ خەلقئارا زىيارەتچى رەھبەرلەر پروگراممىسىغا كۆلەڭگە چۈشۈرىدىكەن. ئۇ ھازىر ئامېرىكادا ئەكبەر ئەسئەتكە بولغان ھېسداشلىق كۈچىيىپ، ئۇنىڭغا «ئالاھىدە چىراغ يېقىلغان ئەھۋال» بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇرىي تۈركەلنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىنى |مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەل قىلىش نىيىتى» گە كەلسە، ھېچ بولمىغاندا ئۇنى تۈرمىدىن ئېلىپ چىقالايدىكەن. لېكىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ خەلقئارا زىيارەتچى رەھبەرلەر پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا ئائىت «بىۋاسىتە دەلىل يوقلۇقى» نى بىلدۈرگەن.

ئەكبەر ئەسئەت ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئامېرىكادا زىيارەت ۋە ئېكسكۇرسىيەدە بولۇپ قايتىپ بارغاندا تۇتقۇن قىلىنغان تۇنجى ئۇيغۇر كارخانىچى ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى «مىسرانىم» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختەرنىمۇ قولغا ئالغان. ئابابەكرى مۇختەر 2014-يىلى ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گەرىي لوكنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئامېرىكادا 2 ھەپتىلىك زىيارەت ۋە ئېكسكۇرسىيەدە بولغان ئىدى.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى