خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى پاسپورتنى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشى 2006-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بەرمەسلىك، ئىلگىرى پاسپورت بېجىرگەنلەرنىڭ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە پاسپورت ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا كەمسىتىلىشكە ئۇچرىشىشىغا ئائىت مەلۇماتلار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان.
ئۇيغۇر ھوقۇق قۇرۇلۇشى 1-ئاپرېل «قورالغا ئايلاندۇرۇلغان پاسپورت-ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتسىزلىك كرىزىسى» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى 29-ئاپرېل «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ پاسپورت ھەققىدە بېرىلگەن بۇ دوكلاتىنى ئىنكار قىلغانىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى يالقۇن ياقۇپ مۇنداق دېگەن: «بۇ دوكلات ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ناملىق تور بېكەتتە ئېلان قىلىنغان. بۇ دوكلاتنى ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار قوللايدۇ، ئۇلار جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە تۆھمەت قىلىش ئۈچۈن›كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى‹نى ئويدۇرۇپ چىقاردى».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئامېرىكا ھاۋايى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ھېنرىي شاجېۋىسكى 12-ماي «گىئو پولىتىكا» يەنى «جۇغراپىيەۋى سىياسەت» گېزىتىدە «مەجبۇرىي قانۇنسزلاشتۇرۇلۇۋاتقان پاسپورتسىز ئۇيغۇرلار» ناملىق ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قېلىپ مۇنداق دېگەن: «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مەيلى تۈركىيەدە، مەيلى ئامېرىكىدا ۋە قايسى دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پاسپورت مەسىلىسى بار. پاسپورتنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ياكى ئۆتۈپ كېتىشىگە ئاز قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار›قانۇنسىز‹ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋاتقان دۆلەتتە ئاساسلىق ئېھتىياجى بولغان مائارىپ، سەھىيە، تۇرالغۇ سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ».
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئالىمجان 2013-يىلدىن بېرى تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئىككى بالىسىنىڭ پاسپورتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇ خىتاي ئەلچىخانىسىغا پاسپورتنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىشكە ئىلتىماس قىلغاندا بىر بالىسىغا خىتايغا بىر يۆنىلىشلىك ساياھەت ۋىزىسى چىقىرىپ بەرگەن، يەنە بىر بالىسىغا ئۇنىمۇ بەرمىگەن. .
ئالىمجان پاسپورت ھەققىدە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ھازىر مېنىڭ بالىلىرىم ھېچقايسى دۆلەتكە تەۋە ئەمەس. ئەگەر پاسپورتىڭىزنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، قانۇنسىز تۇرغان بولىسىز، شۇڭا ئۆي ئىجارە ئېلىشىڭىزمۇ تەسلىشىدۇ. ھەتتا ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس قىلىش مۇددىتىڭىز توشقان بولسىمۇ، قانۇنلۇق پاسپورتىڭىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىڭىز بولمايدۇ. نورمال تۇرۇش رۇخسىتىمۇ ئالالمايسىز».
ماقالىدە يەنە، «ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئەتراپىمىزدىكىلەرنى قوغدىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلار ياكى باشقا چەتكە قېقىلغان كىشىلەر خىزمەت تاپالايدىغان، مەكتەپكە بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلار تۇرۇشلۇق دۆلەتلەر چوقۇم ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيەت ۋە ھۆججەتلەرگە ئېرىشىشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھېچقانداق ئادەم‹قانۇنسىز›بولمىسىمۇ، ھۆكۈمەتلەر ئۇلارنى›قانۇنسىز‹قىلالايدۇ» دەپ بايان قىلىنغان.
ھېنرىي شاجېۋىسكى ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر پاسپورتىڭىز بولمىسا جەمئىيەت سىزنى بىر بۇلۇڭغا قىستاپ قويىدۇ، تاللىشىڭىز بەك ئاز بولىدۇ. تۇرمۇشىنى قامداش، قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن بەزى ئىشلارغا مەجبۇرلىنىدۇ. مېنىڭچە بۇ مەسىلە ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە».
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى