Fotoğraf: Arşiv

14-ماي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم سىياسەتلىرىدە قولى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى جىم رىش، ماركو رۇبىيو، بوب مەنەندېز قاتارلىقلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قانۇننىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قانۇن لايىھىسى 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ لاگىرلارغا قامىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە  لاگېرلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ قانۇن ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمىغا مەسئۇل دەپ قارالغان ھەر قانداق ئەمەلدارغا جازا يۈرگۈزۈشىنى ۋە ۋىزىسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

فلورىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى رۇبىئو باياناتىدا مۇنداق دېگەن: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى قورقۇنچلۇق ، ئەگەر بىز ھەرىكەت قىلىشنى رەت قىلساق ئىنسانىيەتكە داغ چۈشۈرگەن بولىدۇ».

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كۆرۈنەرلىك يىرىكلەشكەن ۋە مەزكۇر ۋىرۇس تەھدىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دۇنياۋى دىققەت نۇقتىسى چېچىلىپ كەتكەن مەزگىلگە تورغا كەلدى.

 

مەنبە: