Chinese government disputes Xinjiang detention records leaked to CNN

ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ CNN قانىلىغا ئېيتىشىچە ، كېڭەش پالاتاسى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ھەرىكەتكە كېلىپ ،شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى مىليونغا يېقىن يەرلىك مۇسۇلمان خەلقنى جازا لاگىرىغا سولاش مەسلىسىگە مۇناسىۋەتلىك خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قانۇن لايىھىسىنى ئاۋازغا قويۇشى مۇمكىن ئىكەن. 7-ماي كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەھبىرى مىچ مەككونېل بۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھازىر يولغا قويۇلماقچى بولغان بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ لاگېر سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ،  قازاق قاتارلىق باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچرىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تېخىمۇ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

بۇ قانۇن لايىھىسى يەنە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى توپلاشنى ئاساس قىلىدىكەن ۋە ئۇنى تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىدىكەن.

ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان بولۇپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قانۇن تۇرغۇزۇش ھەرىكىتى خىتاينىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئۇنىڭغا قاتتىق غەزەپ بىلەن ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى.

كېڭەش پالاتا ئەزالىرى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ قانۇننى تەستىقلاشنى ئۈمىد قىلغان  بولسىمۇ، ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ  لايىھىسىگە بەزى ماددىلارنى قوشۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ لايىھەنىڭ قايتا ئاۋازغا قويۇلىشى توختاپ قالغان ئىدى.  فلورىدادىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئونىڭ قوللىشى بىلەن كېڭەش پالاتاسى ئۇنىڭ نۇسخىسىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن ، بۇ مەسىلىدە يەنە بېلەت تاشلىشى كېرەك.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەھبىرى مىچ ماككوننېل ئالدىنقى ھەپتە سۆزلىگەن سۆزىدە ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ھەرىكىتى بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە كەسكىن سوئاللارنى سورايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سېنس ماركو رۇبىئو ۋە بېن كاردىن ئوتتۇرىغا قويغان «تىبەت سىياسىتى ۋە ئۇلارنى قوللاش قانۇنى» ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىگە ئايلىنىدۇ. بۇ قانۇنغا ئاساسەن ، ئەگەرخىتاي ئەمەلدارلىرى زاڭزۇ بۇددىست رەھبەرلىرىنى تاللاش خىزمىتىگە ئارىلاشسا ، ئۇلار يەر شارى ماگنىتسكىي قانۇنىغا ئاساسەن جازاغا ئۇچرايدۇ ، جۈملىدىن ئامېرىكىغا كىرىشى رەت قىلىدۇ.

ناۋادا ئۇيغۇر كىشلىك ھۇقۇق قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش توغرا كەلسە ھەمدە بىردەك ماقۇللۇقتىن ئۆتسە ئۇ ھالدا ئۇنىڭ رەسمىي قانۇن بولۇشىدىكى بىر زور قەدەم ئەمەلگە ئاشىدىغان بولۇپ، چېن چۇەنگو باشلىق بىر قاتار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىش ھەرىكىتى رەسمىي باشلىنىدىكەن، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ تەرەققىياتىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتىكەن.

مەنبە: