يېقىندىن بۇيان قاراشەھەر ناھىيەلىك ھۆكۈمەت كۆپ قېتىم ئېلان چىقىرىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» ئۈچۈن جەمئىيەتتىن كەسپىي مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئېلاندا قوبۇل قىلىنىدىغان مەمۇرلارنىڭ جەمئىي سانى ئېيتىلمىغان. ئەمما «ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ يېشى 35 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك» دېگەن بەلگىلىمىنى «40 ياشنىڭ ئاستىدا» دەپ ئۆزگەرتكەنلىكىدىن ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى كۈتكەن سانغا يەتمىگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.
بۇ خىلدىكى ئۇقتۇرۇشلارنى چىقارغان ئورۇنلارنىڭ يەنە بىرى كورلا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا «سوت خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن» شتات سىرتىدا خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. شۇنداقلا مىللىي بۆلگۈنچىلىك، قانۇنسىز دىنىي ئېتىقاد، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ساھەسىدە مەسىلىسى بارلارنىڭ تىزىملىتىشىغا بولمايدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدۇ.
يېقىندىن بۇيان تاشقى دۇنيانىڭ لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدىكى چۇقانلىرى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. لاگېرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئورۇنلارغا كۆپلەپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھادىسىسى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن بۇ توغرىسىدا توختىلىپ: «مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت ھەرقاچان مەمۇرىي ساھەنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى بىلەن توشقۇزۇپ، شۇ ئارقىلىق كونتروللۇق سىياسىتىنى تولۇق ئىجرا قىلىدۇ. بۇ ھال گومىنداڭ دەۋرىدە شۇنداق بولغان، ھازىرمۇ شۇنداق بولماقتا» دېدى.

مەنبە؛ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى