«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 13-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى لى يىفېينى شەرقى تۈكىستاندىكى پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقىغا تەيىنلەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.
1964-يىلى تۇغۇلغان لى يىفېي ئۇزۇن مەزگىل يۈننەندە خىزمەت قىلغان بولۇپ، 2014-يىلىدىكى «كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ھۇجۇمى» يۈز بەرگەن ۋاقىتتا يۈننەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇپ ئىشلىگەنىكەن. ئارىلىقتا بىر مەزگىل يەنە كۇنمىڭ شەھەرلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغانىكەن.
«بېيجىڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە شەرقى تۈركىستانغا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ يۆتكىلىشى بايان قىلىنىدۇ. شۇ قاتاردا شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جېڭجۈننىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكى، ئىلگىرى بۇ ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن سۇن جىنلوڭنىڭ خىتاي ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ. شۇنىڭدەك شەرقى تۈركىستان پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان جى جېڭنىڭ بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىلىدۇ.
گەرچە بۇ قېتىمقى دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىنى يۆتكەشنىڭ ئىچكى سەۋەبلىرى نامەلۇم بولسىمۇ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ ھال خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى بىر قېتىملىق ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىن، دېيىشمەكتىكەن.

مەنبە؛ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى