دېئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى يەرلىك ...

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان شەرقى تۈركىستاندىكى «ساقچى دۆلىتى» مېخانىزمى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار مەلۇم بولغان بولسىمۇ، شۇ سىستېمىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلار يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى. «زىمىستان» ژۇرنىلى يېقىندا بىر مەزگىل شەرقى تۈركىستاندىكى مۇنتىزىم ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن بىرنەچچە خىتاي ساقچىنىڭ ئاغزىدىن بۇ ھەقتىكى بەزى تەپسىلاتلارنى ئىگىلىگەن.
چاڭ شىن ئىمزاسىدىكى بۇ ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ خىتاي ساقچىلىرى تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغان «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تولۇق دەلىللىگەن. شۇنداقلا بەلگىلىمە بويىچە ساقچىلارنىڭ ۋەقە چىققان جايغا بىر مىنۇت ئىچىدە يىغىلىپ بولۇشى لازىملىقىنى، ئۇنداق قىلالمىغانلارغا قاتتىق جازا بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ساقچىلاردىن بىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا 100 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى بولۇپ، پۈتكۈلشەرقى تۈركىستاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىگە توختىماستىن ساقچى قوبۇل قىلىش داۋام قىلماقتا ئىكەن. 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئۇيغۇر بۇنىڭدىكى «سىياسىي ئۆتكەل» دىن ئۆتەلمىگەچكە ساقچىلار قوشۇنىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەزالىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەنلەرنى ئاساس قىلىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز ھەرقانداق ئۇيغۇرنى ھەرقانداق ۋاقىتتا توختىتىپ تەكشۈرەلەيمىز. بىر قېتىم بىر ئۇيغۇرنى بىر كۈننىڭ ئىچىدە 34 قېتىم تەكشۈرگەنمىز،» دېگەن. بۇ جەرياندا تېلېفونىدىن «سەزگۈر» ئۇچۇرلار بايقالغان ئۇيغۇرلارنى ئۇلار تېزدىن «تەربىيەلەش لاگېرى» غا يوللاپ بېرىدىكەن.
ساقچىلارنىڭ يەنە بىرى لاگېرلار ھەققىدە توختىلىپ، لاگېرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تولىمۇ خىلۋەت جايلارغا سېلىنغانلىقىنى، يەرلىك بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئىزدەپمۇ تاپالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى لاگېرلارغا بۇرۇلىدىغان يول ئېغىزلىرىنى ساقچىلارنىڭ باقىدىغانلىقىنى، ئۇقۇشماستىن بۇ يولغا كىرىپ قالغان ماشىنىلارنىڭ تېزدىن قايتىشقا بۇيرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. شۇنىڭدەك «خىزمەتكە ماڭغان ساقچىلارمۇ بۇ لاگېرلارغا ئۈچ تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن ئۆتۈپ كىرەلەيدۇ. تەكشۈرۈشتە ئاياقلارغىچە سالىمىز،» دېگەن. شۇنىڭدەك بۇنداق قاتتىق تەكشۈرۈش مەۋجۇت بولغان لاگېرلاردىن ھېچقانداق مەھبۇسنىڭ قېچىپ كېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئىشارە قىلغان.
يەنە بىر خىتاي ساقچى 2018-يىلىدىن بۇيان لاگېردا ئىشلىگەن بولۇپ، تۇتقۇنلارنىڭ ماۋ زېدوڭ ئىدىيەسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي ئىدىيەلىرىنى ئۆگىنىدىغانلىقىنى، لاگېردىن چىققاندا ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي باشقىچە ئىنسانلارغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھېچنەرسىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان گومۇش ئىنسانلار بولۇشىغا قارىماي ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ ئۇلارغا چېتىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ ئۆزلىرىنى ئېلىپ قاچىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.

مەنبە؛ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى