2017-yildin kéyin tutulghan lagér we türmidiki uyghurlarning sani ...

پۈتۈن دۇنياغا يامراۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسى ۋابا سۈپىتىدە ئاللىقاچان تۆت مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە يۇقۇپ بولغاندا بۇنىڭ خىتاي لاگېرلىرىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرغا ئېغىر تەھدىت بولۇۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم دىققەت قوزغىدى. «فوكۇس خەۋەرلىرى» نىڭ 12-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، لاگېر ھەققىدىكى مەلۇمات تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقاندىمۇ بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن «دائىمقىدەك سودا ئالاقىسىدە بولۇشى» لاگېرلارنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇشى ھەمدە بۇ جايدىكى مەھبۇسلارنىڭ ۋىرۇس ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە ئىكەن.

ئاۋسترالىيەدىكى جېيمىس كۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق پەنلىرى تەتقىقاتچىسى ئاننا خايېس بۇ ھەقتە مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتايدىكى «ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» دولقۇنىغا ئەگىشىپ لاگېرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭمۇ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا يېڭىدىن شارائىت ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «لاگېرلاردىكى ۋىرۇس يۇقۇمى يېڭىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ياكى خوجايىنلار ياكى تازىلىق ئىشچىلىرى دېگەندەك سىرتتا يۇقۇملىنىپ بولغان كىشىلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن لاگېرلارغا تارقىلىشى مۇمكىن» دېگەن.

ئاننانىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاگېرلاردىكى تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى ۋىرۇسنىڭ كۆپلەپ يامرىشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن. يەنە كېلىپ نەچچە ئونلىغان كىشىنىڭ بىر كامېرغا قاماپ قويۇلۇشى سەۋەبلىك ۋىرۇس بىرلا كىشىگە يۇقسا ھەممەيلەننىڭ يۇقۇملىنىشى كېلىپ چىقىدىكەن. ئەمما ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشى سەۋەبلىك لاگېرلاردىكى ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدىكى مەلۇماتلار يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى دۇنيانىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى بۇ خىل ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىۋاتقان بولۇپ، تېخى يېقىندا لاگېرلاردىكى ۋىرۇس تەھدىتى ھەققىدە پىكىر قىلغان Breitbart News ئاگېنتلىقىنى «ئۇچىغا چىققان ئوڭچىللىق بىلەن ئىرقچىلىق قىلماقتا، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارغا قارشى تەشۋىقاتقا كۆپلەپ ئورۇن ئاجراتماقتا» دەپ تەنقىدلىگەن.

 

مەنبە؛ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى