ئۇيغۇر بالىلار تار كوچىدا

ئاۋسترالىيەدىكى «مېركاتورنېت» ناملىق تور بېكىتىدە يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ يېقىنقى 3 يىلدا چۆچۈتەرلىك دەرىجىدە ئازايغانلىقى، لېكىن دۇنيانىڭ بۇ رايوندا يۈز بەرگەن مەزكۇر «دېموگرافىيەلىك»، يەنى «نوپۇس قىرغىنچىلىقى» غا سەل قارىغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2017-يىلدىن بۇرۇن خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى رايون بولسىمۇ، لېكىن 2017-يىلدىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە مەزكۇر رايون خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن رايونغا ئايلانغان.

دوكلاتتا، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ رايوندا لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ باشلانغانلىقى، 2017-يىلى رايوندا تۇغۇلۇش نىسبىتى ھەر مىڭ ئادەمگە 15.88 بالا توغرا كەلگەن بولسا، 2018-يىلى بۇنىڭ 3 دەن بىرىدىن ئارتۇقى ئازىيىپ، ھەر مىڭ ئادەمگە 10.69 توغرا كەلگەنلىكى، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ بىر يىل ئىچىدە ھەر مىڭ ئادەمگە 11.40 دىن 6.13 كە چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، نوپۇستىكى ئازىيىش 2019-يىلىمۇ داۋاملاشقان.

2017-يىلى رايوندا 330 مىڭدىن 345 مىڭغىچە بالا تۇغۇلغان بولۇپ، 2019-يىلى بۇ سان 205 مىڭغا چۈشكەن. بۇنىڭ بىلەن 2019-يىلى رايوندىكى ساپ تۇغۇلۇش نىسبىتى ھەر مىڭ ئادەمگە 8.14 توغرا كېلىپ، شەرقىي تۈركىستان خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ ئاز رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ شىددەتلىك ئازىيىشىدا لاگېر ۋە پىلانلىق تۇغۇت كونتروللۇقى نېگىزلىك رول ئوينىغان.

گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇ ناھايىتى بىنورمال ئەھۋال. مېنىڭچە بۇ ئاساسلىق ئىككى ئامىلغا باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن. بىر تەرەپتىن بۇ لاگېرلارغا باغلىنىشلىق، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ باشقا ئامىللارغا باغلىنىشلىق بولۇشى، مەسىلەن پىلانلىق تۇغۇت كونترولى دېگەندەك ئامىللارغا باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭدا لاگېرلارنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ. بۇ يەردە نوپۇسنىڭ داۋاملىق ئازىيىشقا قاراپ ماڭىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. چۈنكى 2019-يىلى ۋەزىيەتتە ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمىدى».

ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازىيىشىدا رول ئويناۋاتقان يەنە بىر ئامىل مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەن. ئۇ، چۈنكى مەجبۇرىي ئەمگەك نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. «مەكارتورنېت» نىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىللىئام خۇاڭ قەلەمگە ئالغان مەزكۇر دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، نوپۇسنىڭ ئازىيىشىدا ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىقتىكى خوتەن بىلەن قەشقەر ئەڭ قاتتىق تەسىرگە ئۇچرىغان جايلار ئىكەن.

دوكلاتتا، 2017-يىلى خوتەندە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى 3.1 پىرسەنت ئىكەنلىكى، لېكىن بۇنىڭ 2018-يىلى 0.3 كە چۈشكەنلىكى، ئوخشات مەزگىلدە ئۇنىڭ ھەر مىڭ ئادەمگە 16.3 دىن توغرا كېلىدىغان تۇغۇش نىسبىتى، 8.6 گە چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، قەشقەردە 2017-يىلى ھەر مىڭ ئادەمگە 13 دىن توغرا كېلىدىغان تۇغۇت نىسبىتى، 2018-يىلى 7.94 كە تۆۋەنلەپ، بىر يىل ئىچىدە ئاز كەم يېرىمى ئازايغان.

ئامېرىكادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تۇغۇتنىڭ ئازىيىشىغا لاگېردىن باشقا جەمئىيەتتىكى سىياسىي بېسىممۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مەيئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ستانلېي تۇپس 12-ماي كۈنىئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە بۇ يەردىكى ۋەزىيەت ۋە سىياسىي بېسىمدا ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر ئىككىسى ياكى ئاتا-ئانىنىڭ بىرى لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇلارنىڭ بالا تۇغۇش ئىمكانىيىتى قالمىغان. مانا بۇ نوپۇسنىڭ ئازىيىشىدىكى سەۋەب. لېكىن بۇ يەردە يەنە بىر ئامىل بار، ئۇ بولسىمۇ ئاتا-ئانىنىڭ بالا تۇغۇش ئىمكانىيىتى بولغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ھازىرقىدەك سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي بېسىمدا ئۇلارنىڭ بالا تۇغۇشتىن ۋاز كېچىشىدۇر. مېنىڭچە مانا بۇ ئامىللارمۇ نوپۇسنىڭ بۇرۇنقىدەك كۆپەيمەسلىكىگە تەسىر قىلىدۇ».

ستانلېي تۇپسنىڭ تەكىتلىشىچە، نوپۇسنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان يەنە بىر ئامىل خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىشى ئىكەن. ئۇ، بۇنىڭدا بۇ ياشلارنىڭ توي قىلىپ، بالا تۇغۇش ئىمكانىيىتى ئازىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ستانلېي تۇپس مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ياشلار گۇاڭجۇ، سىچۈەن قاتارلىق جايلارغا ئىشلەشكە ئەۋەتىلمىسە، بەلكىم نوپۇسنىڭ بۇ يىل ياكى كېيىنكى يىللاردا ئەسلىگە كېلىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ جايلارغا ئەۋەتىلىشى ئۇلارنىڭ بالىلىق بولۇشىغا كاشىلا قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ياتاقلاردا يېتىپ ئىشلىگەچكە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە تۇرغان ۋاقتىدىكىدەك توي قىلىش پۇرسىتى ئۇنچىلىك ئاسان بولمايدۇ».

ۋىللىئام خۇاڭ ئۆزىنىڭ «دۇنيا شىنجاڭدىكى دېموگرافىك چوڭ قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمماقتا» ماۋزۇلۇق دوكلاتىدا، يۇقىرىقى سانلىق ستاتىستىكىلارنىڭ مەنبەسىنى كۆرسەتمىگەن. لېكىن ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى نىسبەتەن مۇقىم، تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەۋلاد ئالمىشىش نىسبىتىدىن ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلگەنلىكى، بۇ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 26% نى 14 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئىگىلەيدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدىغانلىقى، ھالبۇكى بۇ نىسبەتنىڭ رايوندىكى خىتايلاردا ئاران 13.5 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى رايوندىكى خىتاي كومپارتىيە دائىرىلىرىنى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنى چۆچۈتكەن. ئۇلار كومپارتىيە رەھبەرلىرىنى «شىنجاڭدا كونتروللۇقنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، «كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىش كېرەكلىكى، خۇسۇسەن جەنۇبىدا قاچما نوپۇسنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، پارتىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاجىزلىقى» نى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ شىددەتلىك ئازىيىشى ئىنتايىن جىددىي مەسىلە بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇ 12-ئاپرېل ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ئىجتىمائىي كونترول قىلىش، مەدەنىيەت كونتروللۇق ۋە شۇنداقلا نوپۇس كونتروللۇقى، دېگەن بۇ تېما چوقۇم نوپۇس كونترول مېخانىزمىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىدۇر. بۇ بىر تاسادىپىيلىق ياكى بىر تەبىئىي ئەھۋال ئەمەس. بۇنىڭ نوپۇس كۆپىيىشنى كونترول قىلىش مېخانىزمىدا ئەكس ئېتىشى ب د ت ئەھدىنامىسىگە خىلاپ بولۇپ، تەكشۈرۈلۈشكە تېگىشلىك ئىنتايىن جىددىي مەسىلە. نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىغا قارىتا ھەقىقەتەن خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك».

ۋىللىئام خۇاڭ دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسى ۋە 2014-يىلى يۈز بەرگەن بىر قاتار ھۇجۇملار كومپارتىيەنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇ «مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇغماسلىق ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدەك قەبىھ ھەرىكەتلەر بىلەن تارمار قىلىش قارارىغا كەلگەن» ئىكەن.

 

مەنبە؛ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى