ئۈرۈمچىدىكى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەتكار نۇرمەمەت تۇرسۇننىڭ «تەمبۈر كېچىلىكى» دە «قانغا بويالغان ناخۇل» دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغان شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)

2001‏-يىلى كىرگەن يېڭى يىل كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەتكار نۇرمەمەت تۇرسۇننىڭ «تەمبۈر كېچىلىكى» دە شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت «قانغا بويالغان ناخۇل» دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، كېچىلىككە قاتناشقان تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان ئىدى. بۇ كېچىلىكتىن چۆچۈگەن خىتاي دائىرىلىرى ئەتىسىدىن باشلاپ «تەمبۈر ۋەقەسى» ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىدا «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش» ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئىدى. شۇ كۈندىن بۇيان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتقان شائىر تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچى مىدوڭ رايونلۇق قاماقخانىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2001‏-يىلى يېڭى يىلدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر تەمبۈر كېچىلىكى شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت ئوقۇغان «قانغا بويالغان ناخۇل» ناملىق شېئىر بىلەن تارىخىي بىر ۋەقەگە ئايلانغان. شۇ كېچىلىك سەۋەبلىك تالانتلىق تەمبۈرچى مەرھۇم نۇرمەمەت تۇرسۇن خىزمىتىدىن ئايرىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە سانلىرىدا «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» ھەققىدە باش ماقالە ئېلان قىلىنغان ھەمدە شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت «تەمبۈر كېچىلىكى» دە «مىللىي قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان شېئىر ئوقۇغان» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن ئىشارەتلىك ھالدا تەنقىد قىلىنغان. شۇ كېچىلىكتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، تەشۋىقات ساھەلىرىدە «ئىدئېولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش» دېگەن نامدا دۆلەت خىمزەتچىلىرىگە 20 كۈنچە سىياسىي ئۆگىنىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ كېچىلىكتىن كېيىن 24 سائەت سولاپ قويۇلغان شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كۆزىتىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. ئۇ شەرقىي تۈركىستاندا ھەر يىلى ھەر قېتىملىق مۇراسىم خاراكتېرلىك پائالىيەتلەر مەزگىلىدە بىرقانچە كۈندىن نەزەربەند قىلىنىدىغان بولغان. ئۇ 2008‏-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە 21 كۈن، يەنى ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقۇچە قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان. 16 يىل مۇشۇ خىل شەكىلدە ئاۋارىچىلىككە ئۇچراپ كەلگەن تۇرسۇنجان ئەمەت 2018‏-يىلى 9‏-ئايدا غۇلجا شەھىرىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگىنىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئۆتكەن ھەپتەئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئىنكاس قىلىشىچە، تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە شېكەر كېسىلى قوزغىلىپ، ھاياتى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەن.

ئەمما ئىنكاستا تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكى بايان قىلىنمىغان. غۇلجادىكى ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولغان. مەزكۇر ئەترەتتىكى بىر خادىم تۇرسۇنجان ئەمەتنى ئۆزىنىڭ تۇتقانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان. ئىنكاسچى تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ 18 يىل بۇرۇنقى «تەمبۈر كېچىلىكى» دە ئوقۇغان شېئىرى ۋە تۈركىيە ۋەتەندىشى بولغان كۈيئوغلى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما كۈيئوغلىغا تېلېفون قىلغانلىقى ۋە ياكى قىزىنى تۈركىيەگە ياتلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بېرىلمىگەن.

تېلفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە تۇتۇلغانلارنىڭ ئۈرۈمچى مىدوڭ رايونلۇق قاماقخانىسىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. بىر خادىم تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ مىدوڭ رايونى قاماقخانىسىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتقان.

تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە تۇرسۇنجان ئەمەت بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ كىچىك قىزى نازىلە تۇرسۇننىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان كۈيئوغلى دوگان ئەردوغان قېيناتىسى ۋە قېيىنسىڭلىسى ھەققىدە ئۇلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن باشقا ھېچقانداق مەلۇماتى يوقلۇقىنى بايان قىلغان.مەلۇم بولۇشىچە، قېيناتىسى ۋە قېيىنسىڭلىسىنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان دوغان ئەردوغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىدىن قېيناتىسى بىلەن قېيىنسىڭلىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا ياردەم تەلەپ قىلماقتىكەن.

 

مەنبە؛ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى