خىتاي ئاۋىستىرالىيەدىكىتۆت چوڭ گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدىن كالا گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ھەمدە ئىمپورت قىلىدىغان ئاۋىستىرالىيە ئارپىسىغا% 80 دىن يۇقىرى تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئاۋىستىرالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ تۆت گۆش شىركىتى ئاۋسترالىيەنىڭ كالا گۆشى ئېكسپورتىنىڭ% 35 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ يىلقى سودا مىقدارى 3 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن. ئاۋىستىرالىيە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئارپا بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت بولۇپ، خىتايغا ئېكسپورت قىلىنغان ئارپانىڭ قىممىتى تەخمىنەن 980 مىليون دوللاردىن 1 مىليارد 300 مىليون دوللارغىچە، يەنى خىتاينىڭ ئاۋىستىرالىيەدىن ئارپا ئىمپورت قىلىشى ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئارپا ئېكىسپورتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن.
يېقىندا ، ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە خىتاينىڭ دەسلەپكى يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا كۆپ قېتىم چاقىرىق قىلغان ئىدى. ئاۋىستىرالىيەدىكى بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپ، خىتاينىڭ ئاۋىستىرالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېڭ جىڭيې ئالدىنقى ئايدا ، ئاۋىستىرالىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ، شۇنداقلا خىتايلار ئاۋىستىرالىيەنىڭ كالا گۆشىنى يېمەسلىكى ، ئاۋىستىرالىيەنىڭ ھاراقلىرىنى ئىچمەسلىكى ، ئاۋىستىرالىيەگە ساياھەتكە بارماسلىقى ياكى پەرزەتنىلىرىنى ئاۋىستىرالىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتمەسلىكى مۇمكىن. دەپ تەھدىت سالغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش نىيتىدە يولغا قويغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.