2017-yildin kéyin tutulghan lagér we türmidiki uyghurlarning sani ...

« شىنجاڭ گېزىتى» دە ، ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى ئارال بازىرىدىكى ئابلاجان ئابلەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ جازا  لاگىرىدىن چىققاندىن كېيىنكى زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئابلاجاننىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا بوۋىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ « قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» گە قاتنىشىپ « ئەسەبىي » ئىدىيىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى، دادىسىنىڭ ئوغلىنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن ئەنسىرەپ ، ئۇنى كەنىت كادىرلىرىغا تاپشۇرۇپ، جازا لاگىرىغا ئاپىرىپ بەرگەنلىكى ھەمدە ئۇ يەردە خىتاينىڭ مىڭە يۇيۇپ تەربىيلەش نەتىجىسىدە « ئەسەبىيلىك ئىدىيىسى» نىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ ، 2019- يىلى 4- ئايدا جازا لاگىرىدىن چىقىپ ، ئاپتوموبىل رېمۇنىت قىلىش مەركىزى ئاچقانلىقىدەك ۋەقەلىك بايان قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە ئابلاجاننىڭ ئايالىنىڭ مودا كىينىۋالغانلىقى ھەم بۇ كىيىنىشىنى ئابلاجاننىڭ قوللىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ ئاۋۋال جازا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئىدى. كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە «قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش مەركىزى» نىڭ ئورنىغا ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن ئاتالغۇلارنى قوللىنىپ، ئۇنى ئۇششاق جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئېچىلغان «تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ پەردازلاپ كەلگەن ئىدى.

ھالبۇكى خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ خەۋىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگىرىغا سولاپ يوقىتىش قىلمىشلىرىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئېتراپ قىلىپ، ئۇنى كىشلەرگە پەردازلاپ تەشۋىق قىلغان.

مەنبە: « شىنجاڭ گېزىتى»