ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ناھىيەلەردە ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆي ...

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل قەشقەر شەھىرى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى، يېڭى شەھەر ناھىيەسى ۋە پەيزىۋات قاتارلىق ناھىيەلەردىكى كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدىكەن.خەۋەردە قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق 8 ناھىيە، بىر شەھەردىكى 75 كونا مەھەللىنىڭ ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «قەشقەر گېزىتى» نىڭ 11-ماي كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قۇرۇلۇشقا 204 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، بۇ تۈر 8693 ئائىلىگە چېتىلىدىكەن. مەزكۇر قۇرۇلۇش خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ياشاش ئادەتلىرىگە ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۇلارغا قارىتا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلماقتا.
بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىپ تاشلىشىدىكى ئەسلى پىلانى «ئۇيغۇرلارنى بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ، ئۇلارنى يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسان كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئىكەن. لېكىن «قەشقەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە «كىشىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىللىق پىلانى رايوننىڭ ھەر قايسى شەھەر-بازارلاردىكى «كەپە رايون» دەپ ئاتالغان 73 مىڭ 160 مەھەللىنى ئۆزگەرتىشكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ماي تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ «كەپە رايونلىرى» نىڭ 14 مىڭ 412 سىدە 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى قۇرۇلۇش باشلانغانلىقى، ھەر قايسى جايلار بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى پۈتۈشىگە كاپالەت بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن. «قەشقەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 2019-يىلى قەشقەرنىڭ يوپۇرغا، مەكىت، يەركەن، ۋە مارالبېشى ناھىيەلىرىدە 45 مەھەللە ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن.

مەنبە؛ ئەركىن ئاسيا رادىئوسى