قەشقەر شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىر - ئامما تۈرلۈك شەكىللەر ...

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق تور ژۇرنىلى خەۋەر بېرىپ، شەرقى تۈركىستاندا 90% تىن كۆپرەك ئۇيغۇرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قوبۇل قىلىنىشتا سىياسىي ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر تور ژۇرنىلى بۇ ئۇچۇرنى ئۆزىنىڭ 9-ماي كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ رايونىدىكى ساقچىلار: تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، لاگېرلار ۋە ۋەھىمە» ناملىق خەۋىرىدە ئاشكارىلىغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئۇچۇرنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ «شىمالى شىنجاڭ» دا ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر خىتاي ساقچى تەمىنلىگەن.
ئۇ نۆۋەتتە 100 مىڭدىن ئارتۇق قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمنىڭ ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىدىكى بوش قالغان نۇرغۇن ئورۇنلارغا داۋاملىق ئادەم قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ 90% تىن كۆپرەكى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قوبۇل قىلىنىشتا سىياسىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمەيدۇ. شۇڭا دائىرىلەر خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن نۇرغۇن ساقچى قوبۇل قىلىپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ‹بىخەتەرلىكنى قوغداش› قا ئەۋەتىۋاتىدۇ.» ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رايوندىكى ھەر بىر ساقچىدا بىر «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساقچى يانفونى» بولىدىكەن.ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق ئۇچۇر ئامبىرىغا كىرىپ، رايوندىكى ھەر قانداق كىشىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى تەكشۈرەلەيدىكەن. بۇ ساقچى خادىمى ساقچىلارنىڭ كوچىدا كېتىۋاتقان ھەرقانداق كىشىنى ھەر قانداق ۋاقىتتا سوراق قىلالايدىغانلىقى ۋە تەكشۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر كۈندە 34 قېتىم توختىتىلغانلىقىنى بىلىمەن،» دېگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھاكىمىيەت سىستېمىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان. ئۇلار يا تازىلاپ چىقىرىلغان ياكى لاگېرلارغا قامالغان ۋە ياكى كېسىۋېتىلگەن.

مەنبە؛ئەركىن ئاسيا رادىئوسى