ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك پەيشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى

ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك دۇنيا جامائەتچىلىكىنى لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.

ئۇ، رامىزاننىڭ 13-كۈنى تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن «دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمانلار رامزان مەزگىلىدە مەسچىتلەردە دۇئا-تىلاۋەت ۋە تائەت-ئىبادەت قىلىۋاتقان پەيتلەردە لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۆز مەسچىت ھەم مۇقەددەس جايلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىشىغا شاھىت بولۇۋاتقان شىنجاڭدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى ئۇنتۇمايلى.»

خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى