ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ...

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىگە نۇرغۇن ئۇششاق كارخانىلارنى يۆتكەپ چىقىپ، بۇ ناھىيەنىڭ يەرلىك ئاھالىسىنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا ئىشقا سېلىۋاتقنالىقى مەلۇم بولدى.

«خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر ناھىيەدىكى دېھقانلار دېھقانچىلىقنى تاشلاپ، بۇ ناھىيەگە قۇرۇلغان كارخانىلاردا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ئىكەن.

خەۋەردە 2018-يىلى 12-ئايدا كېرىيەنىڭ تۈگمەن كوچا يېزىسىدا قۇرۇلغان يېمەكلىك زاۋۇتىدا ھازىر 100 دەك دېھقاننىڭ ئىشلەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ 71 نەپىرىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان نامزات ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ناھىيەنىڭ شەنبەبازار يېزىسىدا 70 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق بىر جايغا سانائەت رايونى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر 4 توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىسى كېلىپ ئورۇنلاشقان. مەزكۇر يېزىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ھازىر بۇ يېزىدا 3200 ئاھالىنىڭ بۇ كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كېرىيەدىكى بۇ كارخانىلارنىڭ ھەممىسى 2017-يىلدىن كېيىن قۇرۇلغان. خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا 3 مىليوندەك مۇسۇلمان تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ زور قىسمى بۇ كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشقا باشلىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

مەنبە؛ئەركىن ئاسيا رادىئوسى