خىتاي تېخنولوگىيە گۇرۇھى تېڭشۈن شىركىتىنىڭ چەتئەللىك ئۈندىدار ئابۇنتلىرىنى نازارەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ياردەملىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
كانادانىڭ تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى «گراژدانلار لابوراتورىيەسى» ناملىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ 7-ماي ئېلان قىلغان دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، خىتايدا رويخەتكە ئېلىنمىغان ئۈندىدار ھېسابلىرىدىكى ھۆججەت ۋە كۆرۈنۈشلەر نازارەت قىلىنىپ، ئۈندىدار سانلىق ئامبېرى قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. دوكلاتتا ئۈندىدارنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى خىتايدا رويخەتكە ئېلىنغان ئۈندىدار ھېسابلىرىنى سېنزورلاشتا ئىشلىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئۈندىدار دۇنيادىكى ئابۇنتى ئەڭ كۆپ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنيا مىقياسىدا بىر مىليارد ئابۇنتى بار ئىكەن. مەزكۇر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسى 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇپ كەلگەن. گەرچە چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردا ئۈندىدارنى ئىشلىتىدىغانلار ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھازىرمۇ يەنىلا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان مۇھىم ئالاقە ۋاسىتىسىدۇر.
ئامېرىكا CNBC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار تېڭشۈن شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر شىركەت بۇ دوكلاتقا ئىنكاس بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان. بۇ دوكلات ئامېرىكادا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھامىلىقىدىكى يۇمتال ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇمات ئېقىشىغا قارىتا ئەندىشە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. CNBC نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، بۇ دوكلات خىتاي شىركەتلىرىنىڭ دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىپ، خەلقئارا ئابۇنتلىرىنىڭ يوللانمىلىرىنى نازارەت قىلىۋاتقنالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
مەنبە؛ئەركىن ئاسيا رادىئوسى