2018-يىلى 4-ئايلار مەزگىلىدە لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتى ئاتالغۇلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كاندىدات ئالىي تەرجىمان ھۈسەنجان ئەسقەر بۈگۈن، يەنى 7-ماي كۈنى ئامېرىكادىكى «سۇپچىنا» ناملىق ژۇرنالدا تونۇشتۇرۇلغان..
ھۈسەنجاننىڭ نەچچە ئونلىغان لۇغەتلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن بىر زىيالىيلىقىغا ئائىت تەپسىلاتلار ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى سىڭلىسى گۈلرۇي ئەسقەرنىڭ بايانلىرى بىلەن بىرگە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «گۈلرۇينىڭ قارىشىچە، ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر يەر ناملىرىغا مۇناسىۋەتلىك لۇغەتنى ئىشلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلەيدىغان بۇ يەر ناملىرىنى يىغىپ، رەتلەپ ئۇنىڭ خىتاي تىلىدىكى مەنىداش سۆزى بىلەن قارشىلاشتۇرغانلىقى خىتايلار تەرىپىدىن ‹بۆلگۈنچىلىك› دەپ قارالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭدىن 1000 يىل ئاۋۋال ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ناملىق تۈركىي تىللىرىنىڭ تۇنجى سېلىشتۇرما قامۇسىنى ئىشلىگەن مەھمۇد قەشقەرىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆز تارىخىنى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى يەر ناملىرىنى لۇغەتلەشتۈرۈش ئىگە يول قويۇلمايدۇ. ھۈسەنجاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە قانداق ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى سىستېمىلىق خاتىرىلەش قىزغىنلىقى ئۇنىڭ كومپارتىيىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن نەچچە ئون يىل خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقىنىمۇ بېسىپ چۈشكەن ئىدى.»
گۈلرۇي ئەسقەر 2019-يىلى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاكىسى ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭ 2018-يىلى 4-ئايلاردا لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى.
ھۈسەنجان ئەسقەر بۇ يىل 49 ياشتا بولۇپ، ئۇ بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ ئاتالغۇلار ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. ئۇ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش، بېكىتىش ۋە ئېلان قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل غوللۇق خادىم بولۇپ ئىشلەپ، نۇرغۇن چوڭ ھەجىملىك لۇغەتلەرنى تۈزگەن ۋە ياكى تۈزۈشكە قاتناشقان، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە تەرجىمە ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى